ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
قىچىشقاقنى يەككە دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى
ۋاقتى : 2017-09-06 15:42:25  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

1- رېتسىپ
ئەمەن، مامىرانچىنى، شاھتەررە 10 گىرامدىن.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا چىلاپ، قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.
2- رېتسىپ
گۈل يېغى 10 گىرام، كافۇر، تازىلانغان گۈڭگۈرت، كۆيدۈرۈلگەن كۆكتاش بىر گىرامدىن.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇنغا زىماد قىلىنىدۇ.
3- رېتسىپ
مەدەستان، خېنە يوپۇرمىقى، شەھمەنزەل، ئۆلتۈرۈلگەن سىماب، ماش ئۇنى 10 گىرامدىن، گۈل يېغى مۇۋاپىق مىقداردا.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.
4- رېتسىپ
زەرنىخ مامىرانچىنى، خەربەق ھەربىرى 15 گىرامدىن، ئاقمۇچ، كۆكتاش كۇشتىسى، توغرىغۇ ھەربىرى 10 گىرامدىن، گۈڭگۈرت 25 گىرام، يالپۇز جەۋھىرى ئۈچ گىرام، كافۇر بەش گىرام، زىغىر مېيى 100 گىرام، قوي يېغى 200 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۈستىگە زىغىر مېيى قۇيۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.
5- رېتسىپ
ئاقۋاشئوت يەتتە گىرام، سۇپارى 10 گىرام، ئاچچىقئۆرۈك مېغىزى ئالتە دانە، بەزرۇلبەنجى، كاۋاۋىچىن 10 گىرامدىن.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇغا چىلاپ قاينىتىپ تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.