ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
قىچىشقاق
ۋاقتى : 2017-08-31 12:57:59  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

قىچىشقاق_ يېقىن ئۇچرىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەر-ئاياللاردا بىللە يېتىپ-قوپۇپ ئارىلىشىدىغانلار ئارىسىدا ئاسان يۇقۇملانغاچقا، جىنسىي كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
سەۋەبى: قىچىشقاق جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن پەيدا بولىدۇ.
يۇقۇش يوللىرى: قىچىشقاق جاراسىمى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ئۇچرىشىشتىن، بولۇپمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئاسان يۇقتۇرۇۋالىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپ ئىككى بارماق ئارىلىقلىرى، قول بىلەيزۈك قىسمىدا كۆرۈلىدۇ، تەدرېجىي بەدەن تېرىسىنىڭ پۈكلىنىدىغان نېپىز ئورۇنلىرىدا يەنى جەينەك، تېقىم ئويمىنى، بەل، قورساق، يوتا ئىچى ۋە تۈۋى، سىرتقى جىنسىي ئەزا، ساغرا قاتارلىق ئورۇنلاردا دەسلەپ تېرىق چوڭلۇقىدا قىزغۇچ دۆڭچە ئەسۋە چىقىپ، بارا-بارا سۇلۇق ياكى يىرىڭلىق قاپارتقۇغا ئۆزگىرىدۇ، چىدىغۇسىز قىچىشىدۇ، بولۇپمۇ كېچىدە كۈچىيىدۇ، جىنسىي لەۋ، مەقئەت ئەتراپى قاتارلىق ئورۇنلاردىمۇ بولىدۇ.