ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
دوۋسۇن پىتى كېسىلىنى يەككە دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى
ۋاقتى : 2017-08-30 14:55:40  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

1- رېتسىپ
موزا، مامىرانچىنى 15 گىرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، شاھتەررە 10 گىرامدىن، كۆكنار شاكىلى 20 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇغا چىلاپ، قاتنىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئىلمان ھالەتتە يەرلىك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.
2- رېتسىپ
كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، كاكىنەچ، ئوغرىتىكەن ھەربىرى 20 گىرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى 30 گىرام، ئىتئۈزۈمى 50 گىرام، شېكەر 150 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: دورىلارنى بىر لېتىر سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرى سۈزۈپ، سۈيىگە شېكەر سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 100 مىللىمېتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3- رېتسىپ
قوي يېغى 50 گىرام، گۈڭگۈرت (كىبىرىت) 10 گىرام.
ياساش ئۇسۇلى: گۈڭگۈرتنى يۇمشاق سوقۇپ ئېرىتىلگەن قوي يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك ئورۇن مايلىنىدۇ.