ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەر-ئايال ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟
ۋاقتى : 2017-05-24 17:01:03  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسىمۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن بەھرىلەنسە بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىمدا سۈپىتى لاياقەتلىك بولغان گاندوننى توغرا ئىشلىتىش لازىم. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئەر-ئايال ھەرئىككىيلەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا گاندون ئىشلىتىش كېرەك. بولمىسا قايچىسىمان يۇقۇملىنىش ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.