ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ؟
ۋاقتى : 2017-05-23 23:03:52  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  
1) ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېتقاندا ، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ . يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى .
2)ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى . ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغۇسۇن ، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن . مەسىلەن: بالىياتقۇ زەخىمگە ئۇچراش ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى ، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . يەنە كېلىپ ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك ، بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .
3)ياش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ، جەمىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ .
4) ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ . شۇڭلاشقا يىگىتلەر جىنسىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا ، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .
شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى ، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم .

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg