ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
بۇ تۆت خىل كىشىلەر جىنسىي كېسەللەرگە ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
ۋاقتى : 2017-01-04 17:20:57  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

بۇ تۆت خىل كىشىلەر جىنسىي كېسەللەرگە ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ

 

تېكىستكە كىرىش: ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ جىنسىيەتكە بولغان قارىشى بارغانسېرى ئوچۇقلىشىپ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى، كۆپلىگەن يىگىت-قىزلار بىلىپ-بىلمەيلا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ ھەم بەدىنىگە پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئۇنداقتا سىز قايسى خىل كىشىلەرنىڭ جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ 

كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۆستى، شۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن كىشىلەردە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن نامۇۋاپىق جىنسىي تۇرمۇش كۆرۈلۈپ، جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مۇبادا ئۆز ۋاقتىدا داۋالاتمىسا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. بۇخىل كېسەلنى چوقۇم بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش كېرەك. جىنسىي كېسەللىكلەر يۇقۇملۇق بولۇپ، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا بۇ خىل كىشىلەر جىنسىي كېسەلگە ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولغۇچىلاردۇر، تۆۋەندە بىز جىنسىي كېسەلگە ئەڭ ئاسان گىرىپتار بولغۇچىلار بىلەن تەپسىلىي تونۇشۇپ چىقايلى!

جىنسىي كېسەلگە ئاسانلا گىرىپتار بولغۇچىلار:

1.جىنسىي ھەمراھى كۆپلەر

جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈچ نەم مەڭ كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ۋە قايتا قوزغىتىدىغان مۇھىم ئامىل، جىنسىي ھەمراھى قانچە كۆپ بولسا جىنسىي كېسەل بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ئەر خىزمەتچىلەر ۋە بەچچىۋازلارنىڭ جىنسىي كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. تۇنجى قېىتم جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقتى 19 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ جىنسىي كېسەل بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى باشقا كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ. 

2. جىنسىي تۇرمۇشنى ماسلاشتۇرالمىغانلار

نىكاھلىنىش ئەھۋالى بىلەن ئۆتكۈر نەم مەڭ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بار. ئاجراشقان ئەرلەر، ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللار، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىنى ماسلاشتۇرالمىغانلاردا خەۋپلىك جىنسىي ئالاقە ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا قايتا قوزغىلىش نىسبىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. جىنسىي ئالاقىدە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىمۇ قايتا قوزغىلىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئالاقە جەريانىدا گاندوم تاقىماسلىقىمۇ كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

3. كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەر

كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەر مەسىلەن: گىلۇكوكورىتىن ئىشلەتكەنلەر، بۆرەك كۆچۈرگەنلەر، قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىسى بارلارنىڭ ئۆتكۈر نەم مەڭ كېسىلى بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتى باشقىلاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆگەلسىمان نەرسىلەرنىڭ شەكلىمۇ چوڭ بولىدۇ. كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەر ئۆتكۈر نەم مەڭ كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ بىرسىدۇر. 

4.ھاراقخۇمار-تاماكاخۇمارلار

تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش كۆپ خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى. چۈنكى تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئىسپىرىت مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى كونترول قىلىپ، بىمارنىڭ ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىدىغان بولغاچقا، جىنسىي ھەۋەسنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي ھەمراھنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زورلۇق كۈچ بىلەن قىلىدىغان جىنسىي ئالاقىنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ۋە قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 

 

جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

1.غەيرى ئەھۋال كۆرۈلگەندە جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش: جىنسىي ھەمراھىنىڭ كۆپىيىش ئەزاسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، يارىلانغانلىقىنى ۋە غەيرى ئاجرالمىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك ھەمدە ھەمراھىدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. 

2. جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن كىچىك تەرەت قىلىش، تاشقى جىنسىي ئەزالارنى يۇيۇۋېتىش: بەزىلەرنىڭ دەلىللىشىچە، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى يېرىم سائەت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىلسا ياكى بىر سائەت ئىچىدە كۆپىيىش ئەزاسىنى يۇيۇۋەتسە يۇقۇملۇق سۆزنەك بولۇپ قېلىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. مۇبادا ھەر كۈنى چىرىشتىن ساقلاش ئېرىتمىسى بىلەن جىنسىي يولنى يۇيۇۋەتسە سۆزنەك بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى باركەن. 

3. ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىش: جىنسىي ئالاقىدىن بۇرۇن ياكى جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، داۋالاش مۇددىتى قىسقىراق ئىچىلىدىغان دورىلارنى ياكى ئوكۇل قىلىنىدىغان ئانتىبىيوتىك دورىلارنى ئىشلىتىش بەزى جىنسىي كېسەللەرنىڭ مەسىلەن سۆزنەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رولى بار، بىراق ئۈنۈمى بەك ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بىرلا خىل ئانىبىيوتىك بىلەن بارلىق جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. 

4. توسۇش بۇيۇملىرى بىلەن ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش: ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىلىرىنى ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى، بالىياتقۇ كىيدۈرمىسىنىڭ سىلىقلاش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەندە، ئۇرۇقنى بىرلا ۋاقىتتا مېخانىكىلىق ئۆلتۈرۈش ۋە خىمىيەلىك ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بىر خىل ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋە بۇلۇتتىن ياسالغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش بۇلۇتى بولۇپ، چەتئەلدە ناھايىتى ئالقىشلانماقتا. جىنسىي ئالاقىدىن بۇرۇن ياكى جىنسىي ئالاقە جەريانىدا ئۇنى جىنسىي يولغا كىرگۈزۈش، جىنسىي يولغا قويۇش ۋاقتى 30 سائەتتىن كۆپرەك بولۇشى كېرەك. 

5. ئۆزىنى پاك تۇتۇش: بۇ ناھايىتى بىخەتەر ھەم ئاددىي بولغان ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى. كۆپلىگەن جىنسىي كېسەللەرنىڭ دەسلەپكى ۋاقتى ياكى يېنىكراق ۋاقتىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ، مەسىلەن:سۆزنەك، كۆپىيىش ئەزاسى قاپارتمىسى، غەيرى سۆزنەك خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئەيدىز قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈلمىسە، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل«ئۆزىنى پاك تۇتۇش»، نىكاھتىن سىرت جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەل خەتىرى پەيدا بولمايدۇ. 

6. بەزى شەكىللەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش: ئېغىزدا چىشلەش، مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش قاتارلىق ئادىمىيلىككە يات شەكىللەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىش جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.مەقئەتنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، تۈز ئۈچەينىڭ ئۈستىدىكى تېرە جىنسىي يولنىڭ ئۈستىدىكى تېرىدىن نازۇك بولغاچقا، مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش جىنسىي يول ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا شىللىق پەردىنى تېخىمۇ ئاسان زىيانغا ئۇچرىتىپ، يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى كېسەللەر ئېغىز، گەندە ئارقىلىق يۇقۇيدۇ، ئېغىز، مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ساقلانغاندا، بۇ تۈردىكى كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. 

7. ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىسى ئىشلىتىش: ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش خىمىيەلىك توساق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇرۇق ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش كۆپ خىل جىنسىي كېسەللەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى كونترول قىلىدۇ. بەدەن سىرتىدىكى سىناقنىڭ كۆرسىتىشىچە، بازاردا سېتىلىۋاتقان ھەر خىل ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىلىرى سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى، خىلامىدىيە، قاپارتما ۋىرۇسى، سىفلىس سىپروخېتا، جىنسىي يول تامچە قۇرتى، ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاساسەن كۆپ خىل جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بار. ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىسى ئاساسەن ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى رولى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىشمۇ قولايلىق.