ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
ئەيدىز ۋە گاندۇن
ۋاقتى : 2016-08-19 19:30:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز ۋە گاندۇن

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئەيدىز بىلەن گاندۇننىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، نۆۋەتتە، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدا جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەممىدىن ئېغىر بولىۋاتىدۇ. ئىلگىرىتىن زەھەر چېكىدىغانلار ئارىسىدا ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا، زەھەر چېكىش ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئورۇنلارغا ھەقسىز ئىشپىرىس تارقىتىدىغان ئالاھىدە تەدبىرمۇ يولغا قۇيۇلغان ئىدى. ھازىر ئەيدىزدىن يۇقۇملاغۇچىلارنىڭ سەكسان پىرسەنتى دېگۈدەك، جىنسى ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ھالىتىدە بولىۋاتقاچقا، ھەر خىل ئورۇن-سورۇندىكى نۇرمال ھەم قالايمىقان جىنسى ئالاقىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گاندۇن ئىشلىتىشنى تاللاش ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىش ناھايىتى زۆرۈر بولىۋاتىدۇ.
چۈنكى، رايۇنىمىزدا يىلىغا بەش-ئالتە مىڭ كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 2500 دىن ئاشقان. يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جىنسى ئالاقە بولۇپ، ئەيدىز ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان، بىر ئۆمۈر دورا يىيىشكە توغرا كېلىدىغان، ئائىلىسىدىكى ھەمرالىرىغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇش خەۋپى مەۋجۇت بولغان خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولسىمۇ، "تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن" دېگەندەك، ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرگەنلەر يۇقۇملىنىپ بولغاندىن كىيىن، پۇشايمان قىلىشىپ تىپىرلاپ يۈرىشىۋاتىدۇ.
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى "مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشكەندەك" قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتكە دۈم چۈشكەنلەر خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي يۈرگەچكە، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئەيدىزنىڭ باشقا تارقىلىش يوللىرىدىن كۆپلەپ ھالقىپ كېتىۋاتماقتا. خۇددى خەلقىمىز ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ قالايمىقان جىنسى ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلار مۇشۇ دەۋىردىمۇ ئاز ئەمەستەك.
جەمئىيەتتە، نىكاھ ئادەملەرنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋىتىنى چەكلەپ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ھازىر نىكاھ شەكىلگە-رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالغاندەك، نىكاھنىڭ ئىچى-تېشىدا نىكاھسىز بىللە بولۇش بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ يوغان ئىشىغا ئايلىنىپ قالدى. ئاقىۋەت، مۇشۇ يوغان ئىش "بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەمنىڭ شورى" دېگەندەك، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى ئايىماي تارتۇقلاپ بېرىۋاتىدۇ. لېكىن، ئەنە شۇ ئەيدىز ۋىروسى تارتۇقىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى خالىمايدىغان، ئەيدىزدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى بىلەرمەنلەرچە كەمسىتىدىغان، چەتكە قاقىدىغان، ئۆچ كۆرۈدىغان كىشىلەر ئىدى.
سەۋەپسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، ھەممە ئىش سەۋەپ نەتىجىلىك بولىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى خالىمايدىكەنمىز، ئەيدىزنىڭ قالايمىقان جىنسىي ئالاقىدىن يۇقىدىغانلىقىنى بىلىدىكەنمىز، ئەمما ئۆزىمىزگە نىكاھ مەدەنىيىتىنى كېرەك قىلماي، خۇددى ئىشەكتەك ئۇدۇل كەلگەن بىرسىگە ئېسىلىپ يۈرۈيدىكەنمىز، نەپسى بالاخور جىنسى ئىستىكىمىزنى باشقۇرالمايدىكەنمىز، ئۇنداقتا، نىكاھتىن سىرت جىنسى ئالاقىدە بولساق، زەھەر چېكىپ ئىشپىرسىنى ئورتاق ئىشلىتىپ يۈرۈپ ئۆيدىكى ھەمرايىمىز بىلەن بىللە بولساق، گاندۇن ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھەم ھەمرايىمىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئەيدىزنىڭ خەۋپى ھەم يۇقۇملانغاندىن كىيىنكى دەرت-ئەلىمىگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا، جىنسى مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلىتىش ئەڭ مۇۋاپىق ھەم ئەڭ بىخەتەر ئۇسۇلدىكى ئالدىنى ئېلىش ھېساپلىندۇ.
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى خالايدىغانلار ئۆزلىرى بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇلمىغان ئاياللار ياكى ئەرلەر بىلەن خۇددى بازاردىن كىيىم سېتىۋالغاندەك چۆرگىلەپ يۈرۈپ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتە بولىدىكەن، ئۇنداقتا گاندۇن ئىشلەتمەي ئۆزلىرىنىڭ نەپسىنى بازارلىق قىلىپ يۈرىۋەرسە بولىدۇ. ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىدىغان خەتەرلىك ھەم ئەخلاقسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ جىنسى ئالاقىدە گاندۇن ئىشلىتىشتىن نومۇس قىلىدىغان، گاندۇن ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان، گاندۇن ئىشلىتىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ئەنە شۇنداق يىلىغا بەش-ئالتە مىڭدىن كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئارىسىدا كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەپ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي ئازاپلىنىپ يۈرۈيدۇ.
ئەقلى بار كىشىلەر جىنسى ئالاقە سەۋەبىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش بىلەن گاندۇن ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنىڭ پايدا-زىيىنىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشى كېرەك. ئەيدىز ئالدىدا تەلۋىلىك، قاراملىق قىلىش ئەخمەقلىك، ھاماقەتلىك، نادانلىق قىلىش ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، جىنسى ئىستىگىڭىزنى باشقۇرالمىسىڭىز ھەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى خالىمىسىڭىز، جىنسى ئالاقىغا دۈم چۈشكەندە گاندۇن ئىشلىتىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇڭ. چۈنكى، گاندۇن سىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىڭىزگە تاقاشمايدۇ، ئەمما، گاندۇن ئىشلەتمەي جىنسى مۇناسىۋەتكە ئۆزىڭىزنى ئۇرسىڭىز، ساقايماس ئەيدىز كېسىلى سىزنىڭ جېنىڭىزغا تاقىشىشى مۇمكىن.