ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
جىنسىيەت ۋە ئەيدىز
گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!
ۋاقتى : 2016-04-28 13:25:09  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ!

بۇ تېما كۆرگەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. چۈنكى، خەلقىمىزدا گاندۇننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان، ئاڭلاپ باقمىغان، ئىشلىتىپمۇ باقمىغان ھەم ئىشلىتىشنى ئانچە ياقتۇرۇپمۇ كەتمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىگە نىسبەتەن، گاندۇن سوغاق كېلىدۇ دېگەن پەتىۋانى تاپقۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، ھەيران قېلىشىمىز قاتتىق چۆچۈشكە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
ساغلاملىق ئۈچۈن، جۈملىدىن ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنى ئېلىش بىلىمى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىز دەۋاتقان گاندۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم قورالىدۇر. بولۇپمۇ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت سورۇنلىرى ئارقىلىق يۇقىدىغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا گاندۇن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مانا مۇشۇنداق خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل ئەيدىزدىن جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم قورال ئىكەنلىكى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان گاندۇننى سوغاق كېلىدۇ دەپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىنى خالىمايدىغان ھەم باشقىلاردىن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغانلارمۇ بارمىدۇ؟

 


مانا مۇشۇنداق گاندۇندىن خەۋەرسىز كىشىلەرنىڭ يۇرتىمىزدا ھېلىھەم ئاز ئەمەسلىكى مەۋجۇت ئەھۋالدا، گاندۇننىڭ ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، زۆرۈر ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە تىگىشلىك بولغان ھەم ئىشلىتىشى زۆرۈر بولغان كەسىپ-مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ-ئاتالمىش جىنسى مۇلازىملارنىڭ (پاھىشەلەرنىڭ)، سۇلياۋدىن ياسالغان گاندۇننى ئەرلەر ئىشلەتسە ئايال كىشىگە سوغاق كېلىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىدىن رايۇنىمىزدا ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ تارقىلىشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى مەلۇم بولغاندەك بىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەرلەرنى خالىغانچە جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلار قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ مەركىزى نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، ئەگەر ئۇلار گاندۇن ئىشلىتىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى توسۇشنى، ئالدىنى ئېلىشنى خالىمىسا، بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەيدىز مەن بىلەنلا كەتمىسۇن دېگەندەك نىيىتىنىڭ يامانلىقى بولسا كېرەك. دېمىسىمۇ، پاھىشەلەردىن ئىبارەت ئەخلاقسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلاردا باشقىلارنىڭ مەنپەتىنى ئويلايدىغان ئىدىيە بولماسلىقى ئېنىق.

 

 


دېمەك، ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىدا خېلى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ھەم گاندۇننىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى ئوبدانلا بىلىدىغان پاھىشەلەرنىڭ گاندۇن ئىشلىتىشكە بولغان چۈشەنچىسى "گاندۇن سوغاق كېلىدۇ" دەيدىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرغاندا، گاندۇندىن خەۋەرسىز كىشىلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىگە نىسبەتەن، "بالا كەلسە قوش كەپتۇ" دېگەندەك، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاڭسىزلىقىڭ ھەم قىيىنچىلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغان ئاتالمىش "جىنسى خىزمەتچىلەرنىڭ" توپىدىكىلەرنىڭ خۇراپىلىق-قالاقلىق بىلەن بىمەنىلەرچە، "گاندۇن سوغاق كېلىدۇ" دەپ، "مانتا كۆرمىگەن قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ" دېگەن ھالغا چۈشۈپ قالغان "ئىشەكسىمان خېرىدارلىرىنى" ئەيدىز ۋىروسى بىلەن مۇكاپاتلىسا ھەم ئۆزلىرىمۇ ئاشۇ خېرىدارلىرىدن ئەيدىز ۋىروسى سوۋغىسىغا ئېرىشسە، "تۈگمىنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغانلىق" بولۇپ قالمامدۇ! بەلكىم ئاشۇ جىنسى مۇلازىملار جېنىغا ئىچى ئاغرىمىسا كېرەك، شۇڭا ئۆزىنىڭ جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ تەن-جېنى بىلەن نېمە كارى بولسۇن!
ئەمەلىيەتتە، گاندۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان ھەر خىل خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. گاندۇننىڭ مۇشۇنداق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا نىسبەتەن ئۇنى سوغاق كېلىدۇ دىيىش "ئۇسسۇرغاققا ئارپا نېنى بانا" دېگەندەك ئىشتۇر. ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەخلاق ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، نىكاھ قانۇنى ۋە ئائىلىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ، پاھىشەلىك قىلىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ھەم گۇناھلىق قىلمىشتۇر. ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تەدبىر بولغان گاندۇننى ئىشلەتسە، سوغاق كېلىدۇ دەپ قارىسا، ھەممە نەپرەت بىلەن قارايدىغان پاھىشەلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانمىسىلا ئەڭ توغرا بولىدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئەيدىزدەك جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى "گاندۇن سوغاق كېلىدۇ" دەپ خالاپ كەتمەسلىكى، ئەنە شۇنداق پاھىشەلەرنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيدىغانلارنى قاتتىق چۆچۈتىشى كېرەك.
بۇ يەردىكى مەسىلە، گاندۇن سوغاق كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ مەسىلىسىدىن ئاۋال، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدىغان ھەم ئەتراپىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە تارقىلىدىغان ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتۇر. باشقىچە ئېيتقاندا، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانماسلىق ئۈچۈن ھەم ئۆزىدە بار ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرماسلىق ئۈچۈن، بولۇپمۇ پاھىشەلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئۆزى ھەم ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان ئەرلەرنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گاندۇن ئىشلىتىشى خىزمەت تەلىۋىگە ئايلانغان بولسىمۇ، گاندۇنغا نىسبەتەن بۇنداق چۈشەنچە-پۇزىتسىيەدە بولۇشى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىكى ئېغىر نادانلىق ھېساپلىنىدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەيدىز ۋىروسى يۇشۇرۇن يۇقۇپ يۇشۇرۇن تارقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنى قاچان-قەيەردە كىمدىن كىمگە يۇققانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت شۇغۇللىنىدىغان ئەخلاقسىز كىشىلىك ئەركىنلىكىنى جەمىيەتتە ئومۇمىيۈزلۈك توسۇپ-توختۇتۇپ بولغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ساقايماس ئەيدىز ئەيدىز كېسىلىدىن قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم بىر تەدبىر-ئۇسۇلى گاندۇن ئىشلىتىش بولۇپ، مۇشۇ ئامال نۆۋەتتە خەلقئارادا ئەركىن جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، يۇرتىمىزدىمۇ-خەلقىمىزدىمۇ بۇنداق چۈشەنچە-تەدبىرنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ نىكاھنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەم ئىچى-تېشىدا قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشىنى توسىۋالغىلى، توختىتىۋالغىلى، تۈگىتىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقى نۆۋەتتە ھەممەيلەنگە مەلۇم ئاشكارا مەخپىيەتلىك بولۇپ قالدى. يەنى، جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۆزلىرىنىڭ تاللىشى ھەم ئۆزئارا خالىشى بولۇپ قالدى. شۇڭا، مۇشۇنداق جىنسى ئېلىم-بېرىم سودىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ بىلىپ-بىلمەي ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشلىرى نۇرمالنى ئىشقا ئايلىنىپ قالغاندەك كۆرىنىدۇ. بەزىلەر ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ئېرىشكەن ئاقىۋەتلىرىگە "خوپ بوپتۇ" دېگەن بىلەن، ئادەملەر ئارىسىدا زەنجىرسىمان-تورسىمان تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ئەيدىز ۋىروسى، كىمنىڭ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان يۇشۇرۇن يۇقۇش ئۇسۇلى بويىچە، بەلكىم ئاشۇ "خوپ بوپتۇ" دېگۈچىلەرنىمۇ يوقلاپ بېرىپ ئاياپ قويماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتتىن تارقالغان ئەيدىز ۋىروسى ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرسىنىڭ نىكاھقا ساداقەتسىزلىك قىلىشى بىلەن، ئەكسىچە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئائىلىدىكى نۇرمالنى بولغان-قالايمىقان بولمىغان جىنسى مۇناسىۋىتىگىمۇ سۇقۇنۇپ كىرىشى مۇم كىن. شۇڭا، بىردىن ئارتۇق ئادەم بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۆزى ھەم باشقىلارنىڭ يۇقۇملۇق ئەيدىز ۋىروسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گاندۇن ئىشلىتىشنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك.
قىسقىسى، ئىنساننىڭ ھاياتىدا ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، مۇشۇ ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئادەملەرنى ئويلىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى ھاياتنىڭ قىممىتى بىلەن ئاقىۋىتىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان ئەقىلسىزلىقىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرمەسلىكىمىز كېرەك. نېمە بولساڭ بولۇشمامسەن دەپ خۇددى مۇناسىۋىتى بولمايدىغاندەك مۇئامىلىدە بولۇش، مېھىر-مۇھەببەتتىن، ئىنسانپەرۋەرلىكتىن مەھرۇم قالغان ئادەملەرنىڭ چۈشەنچە-كۆزقارىشىدۇر.