نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تور بازىرى  »  ساغلاملىق بويۇملىرى
كۆپ كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلار
تەۋسىيىلىك مەھسۇلاتلار
مال زاكاس قىلىش تېلېفۇنى : 2886161- 0991مەھسۇلات ئۇچۇرى
ئەيۋېي

ئەيۋېي

  • مەھسۇلات تەرتىپ نۇمۇرى: 00006
  • مەھسۇلات تۈرى : ساغلاملىق بويۇملىرى
  • مەھسۇلات ماركىسى : aware
  • بازار باھاسى: ¥400.00
  • بىزدىكى باھا : ¥360.00
  • ئامباردىكى سانى : 1000
  • مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى
  • مال زاكاس قىلىش چۈشەندۈرۈلىشى
  • مەخپىيەتلىك ساقلاش

مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى: ئەيۋىيaware ئەيدىز كېسىلىنى شۆلگەي سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تەكشۈرۈش سىناق قەغىزى بولسا نۆۋەتتە جۇڭگو بويىچە يىمەكلىك دورا سۈپەت تەكشۈرۈش نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىكىتىشىگە ئېرىشكەن، شۆلگەي ئارقىلق ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش مەھسۇلاتى بولۇپ ئۇ يەنە جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزى، بىيجىڭ دىتەن دوختۇرخانىسى ، ئازاتلىق ئارمىيە 302 دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ كىلىنكىلىق باھالىشىدىن ئۆتكەن ۋە توغرۇلۇق دەرىجىسى %99.8 كە يەتكەن. قان بىلەن تەكشۈرگەندىكى توغرۇلۇق دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش تۇرىدۇ، شۇنداقلا قان بىلەن تەكشۈرۈشتىكى بەزى يىتەرسىزلىك ۋە چەكلىمىلىكلەرنى تولۇقلىغان. بۇ مەھسۇلات ئامرىكىدىكى نوپوزلۇق ئورگان usaid، بىرلەشكەن دۆلەتلەر بالىلار فوندى جەمىئىتى، ئافرىقا مەركىزى كېسەللىك تەجىربىخانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە تەۋىسىيە قىلىشىغا ئېرىشكەن. سېتىۋىلىش ئۇسۇلى: ئۆزىڭىز ئىھتىياجلىق بولغان مەھسۇلات تۈرىى تاللاپ ئاندىن زاكاس تالوننى ئەستايىدىل يېزىپ بىزگە يوللايسىز. بىزنىڭ خىزمەتچى خادىملار سىز بىلەن تىلفون ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندىن كېيىن تور بېتىمىزنىڭ تۆۋەنكى قىسىمىدىكى بانكا كارتىلىرىدىن بىرىنى تاللاپ پۇل ئەۋەتسىڭىز بىز ئەڭ تېز سۈرئەتتە مالنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز. تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ تەركىبى قىسىملىرى:

1.بىر دانە سۇلىياۋ قاپ ئۇنىڭ ئىچىدە بىر تال تەكشۈرۈش ياپراقچىسى، بىر تال دورا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان پروبىركا، 0.5g لىق قۇرۇتقۇچ ml1.

2.سۇيۇقلاندۇرۇلغان دورا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان پىروبىركا.

3.بىر دانە ئەۋرىشكەن ئالىدىغان ئېغىز بوشلۇقىنى سۈرتىدىغان پالاقسىمان تاياقچە.

4.تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىن بىر پارچە.

تەكشۈرۈش باسقۇچلىرى:

1. تەكشۈرۈشتىن يىرىم سائەت بۇرۇن چىش چوتكىلاپ ئىغىز بوشلۇقىنى تازلايمىز.

2. پالاقسىمان تاياقچىنىڭ بىر تەرىپىنى يۇقىرقى چىش مىلىكىگە، يەنە بىر تەرىپىنى ئاستىنقى چىش مىلىكىگە سۈركەيمىز.

3. تاياقچىنى دورا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان پىروبىركىغا سېلىپ ئاستى ئۈستىگە 8~6 قېتىم ھەرىكەتلەندۈرىمىز.

4. تاياقچىنى پىروبىركىدىن چىقىرىپ دورا سۇيۇقلۇقىغا تەكشۈرۈش ياپراقچىسىنى سالىمىز. (تەكشۈرۈش ياپراقچىسىدىكى ئىستىرىلكىنىڭ يۆلىنىشىگە دىققەت قىلىڭ).

5. 20 مىنۇتتىن كېيىن نەتىجىگە ھۆكۈم قىلسىڭىز بولىدۇ.

6. نەتىجىگە ھۆكۈم قىلىش: مەنپىي: تەكشۈرۈش ياپراقچىسىدا بىر تاق قىزىل سىزىق پەيدا بولسا بۇ HIV ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مۇسبەت: تەكشۈرۈش ياپراقچىسىدا ئىككى تال قىزىل سىزىق پەيدا بولسا بۇHIV ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىناۋەتسىز: تەكشۈرۈش ياپراقچىسىدا ھىچ قانداق سىزىق پەيدا بولمىسا بۇ تەكشۈرۈشنىڭ ئىناۋەتسىز بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ رەسىملىك چۈشەندۈرۈلۈشى

 

: ئەيۋىي تەكشۈرۈش قەغىزىنىڭ ئىشلىتىش قەدەم باسقۇچلىرىنىڭ ئىكران ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلۈشى

تاپشۇرۇۋالغۇچى بانكا كارتا نۇمۇرى بانكا
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地