نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  تور بازىرى  »  ساغلاملىق بويۇملىرى
كۆپ كۆرۈلگەن مەھسۇلاتلار
تەۋسىيىلىك مەھسۇلاتلار
مال زاكاس قىلىش تېلېفۇنى : 2886161- 0991مەھسۇلات ئۇچۇرى
  بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى

بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى

  • مەھسۇلات تەرتىپ نۇمۇرى: 000002
  • مەھسۇلات تۈرى : ساغلاملىق بويۇملىرى
  • مەھسۇلات ماركىسى : ECO
  • بازار باھاسى: ¥480.00
  • بىزدىكى باھا : ¥460.00
  • ئامباردىكى سانى : 10000
  • مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلىشى
  • مال زاكاس قىلىش چۈشەندۈرۈلىشى
  • مەخپىيەتلىك ساقلاش
ئۇنىۋېرسال ئاتىلىشى: بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى ئىشلەپچىقارغان ئورۇن: ۋەنخۇا پۇمەن بىئوقۇرۇلۇش شىركىتى ئىقتىدار چۈشەندۈرۈلۈشى بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى ئارقىلىق ئادەتتە مەملىكەت ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان 5 چوڭ تۈردىكى زەھەرنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ. 1. مېتىل ئامفېتامىن: مۇزسىمان زەھەر، نەشە تىپىدىكى بىر قاتار زەھەر ۋە روھلاندۇرغۇچى دورا قاتارلىقلار. 2. مورفىن: خروئىن، ئەپيۇن تۈرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك، باش چايقىتىش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار. 3. خېلورامىنكېتون: K تالقىنى. 4. باش چايقىتىش كومۇلىچى 5. نەشە: ھەرخىل نەشە تۈرىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر. بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەگەر ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ زەھەر چېكىشىدىن گۇمانلانسىڭىز، بىراق قايسى خىلدىكىنى چېكىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئۇ بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل زەھەر چەككەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ، ئىشلىتىش قولايلىق. ئىشلىتىلىش دائىرىسى 1. ئائىلىدىكىلەرنىڭ زەھەر چېكىشىدىن گۇمان قىلىش: زەھەر چېكىۋاتقاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئەمما قايسى خىل زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىغاندا، زەھەر چەككەندە ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنى بايقىيالماي، لېكىن گۇمان كۈچەيگەندە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 2. باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەنگەنلىك گۇمانى بولۇش: بەزمىخانا-سورۇنلاردا باشقىلار بەرگەن سۇ ياكى يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ، بەدەندە بىنورماللىق ھېس قىلغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. 3. زەھەر تاشلاشنى نازارەت قىلىش: بەش خىل زەھەر تەكشۈرگۈچ ئىستاكانى ئارقىلىق قەرەلسىز تەكشۈرۈپ تۇرغاندا، زەھەرنى قايتا چېكىۋېلىشنى توسىغىلى بولىدۇ. 4. جامائەت خەۋپسىزلىكى زەھەر چېكىدىغانلارنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنىڭ زەھەر تەكشۈرۈشىدە، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ يېڭى خىزمەتچىلەرنىڭ زەھەر چېكىدىغان-چەكمەيدىغانلىقىنى تەكشۈرگەندە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەۋرىشكە تەلىپى سۈيدۈكنى ئىستاكانغا بىۋاستە كىرگۈزۈش (ئىستاكانغا بىۋاستە سىيىش) كە بولىدۇ، ئەۋرىشكىنى بىر كۈننىڭ خالىغان ۋاقتىدا يىغىشقا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئۇسۇلى 1. تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال ئىشلىتىش قوللانمىسىنى تەپسىلىي كۆرۈڭ؛ 2. ئاليۇمىن قەغەزلىك خالتىنى يىرتىش ئېغىزىدىن ئېچىپ، خالتا ئىچىدىن ئىستاكان ۋە بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان پەلەينى ئېلىپ چىقىرىمىز. تەكشۈرۈشتىن ئاۋۋال ئىستاكاننى ئۆينىڭ تېمپراتۇرىسىغا ماسلاشتۇرىمىز ℃(30-15). 3. ئىستاكان ئاغزىنى ئېچىپ، ئىچىگە بىۋاستە ئەۋرىشكە يىغىمىز (بىۋاستە سىيىش)، ئەۋرىشكىنى ml 70ـ30 غىچە ئېلىشقا بولىدۇ. ئەۋرىشكىنىڭ ساپ بولماي قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە يىغىشتىن ئاۋۋال چوقۇم بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان پەلەينى كىيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 4. ئەۋرىشكىنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن ئىستاكان ئاغزىنى دەررۇ ئېتىۋېلىپ، 5 مىنۇت كۈتىمىز. 5. كۆزىتىش كۆزنىكىدىكى خەتكۈچنى ئېچىپ نەتىجىسىنى كۆرىمىز. 10 مىنۇتتىن كېيىن ئېرىشكەن نەتىجە ئىناۋەتسىز. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى 1. مۇسبەت (زەھەر چەككەن): ئىنكاس رايونىدا بىر تال قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك سۈپەت سىزىقى كۆرۈلىدۇ. 2. مەنپىي (زەھەر چەكمىگەن): ئىنكاس رايونىدا قىزغۇچ بىنەپشە رەڭلىك سۈپەت سىزىقى ۋە ئىنكاس سىزىقى كۆرۈلىدۇ. 3. ئىناۋەتسىز: ئىنكاس رايونىدا سۈپەت سىزىقى كۆرۈلمىسە، قايتىدىن ئۆلچەش كېرەك. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 1. ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال ئاليۇمىن قەغەزلىك خالتىنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىش، ئەگەر بۇزۇلغان بولسا تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 2. ھاۋادىكى سۇ ماددىسىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قاپنى ئاچقاندىن كېيىن دەررۇ ئىشلىتىش كېرەك. 3. ئەۋرىشكىنى ئىستاكانغا بىۋاستە يىغىش (ئىستاكانغا بىۋاستە سىيىش) كېرەك، ئەۋرىشكە يىغقاندا بىر قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىغان پەلەينى كىيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 4. تەكشۈرۈشتە چوقۇم سۇيۇق ھالەتتىكى ئەۋرىشكە ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر قاتتىق ھالەتتىكى ئەۋرىشكە بولسا چوقۇم ئېرىتىپ، سۇ ھالەتكە ئەكىلىش لازىم. 5. تەكشۈرگۈچ ئىستاكانىنى پەقەت بىرلا قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ساقلاش مۇددىتى ئىچىدە ئىشلىتىش لازىم.
تاپشۇرۇۋالغۇچى بانكا كارتا نۇمۇرى بانكا
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地
哈力旦.胡达巴尔地