ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟
ۋاقتى : 2018-02-10 11:22:41  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 تۇرمۇشىمىزدا، ئەيدىز بىمارلىرى بىر ئالاھىدە توپقا تەۋە. ئۇلارنىڭ بەدىنى ھەر ۋاقىت كېسەللىك ۋىرۇسلىرى بىلەن ئېلىشىدۇ، ئۇلار قارىماققا ناھايتى قەيسەر، باتۇردەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشلەرنىڭ چۈشەنمەسلىك، ھەتتا دوستانە بولمىغان نەزەرلىرىگە دۇچار بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر چوقۇم مۇشۇ خىل ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقان كىشىلەرنى چۈشىنىپ بېقىشى، ئۆزىنىڭ بىركىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، بىر قىسىم ئىشلارنى قىلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

بىز ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟

ئۆزىمىزدىن باشلاپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى چىن قەلبىمىزدىن قوبۇل قىلايلى!

بەزى كىشلەرگە نىسبەتەن، ئەيدىز بىمارلىرى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاشلا نورمال ئادەم. لېكىن بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئۇنداق ئەمەس، بىر قىسىم كىشىلەر ھەمىشە ئۇلارنى باشقا بىر تۈردىكىلەردەك ھېىس قىلىدۇ، ھەمىشە دوستانە بولمىغان نەزەردە ئۇلارغا قارايدۇ. ئەجەبلىنىش، چەتكە قېقىش تۇيغۇسىدا بولىدۇ. ئەمدى بۇنداق ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراشلارنى تاشلايلى! ئەيدىز بىمارلىرىنى چىن قەلبىمىزدىن قوبۇل قىلايلى!

   ئەيدىز بىمارلىرغا مۇناسۋەتلىك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشايلى!

 ئەگەر ۋاقتىڭىز يار بەرسە، ئەتراپىڭىزدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى پائالىيىتىگە ئىككىلەنمەيلا قاتنىشىڭ، ئۇلارغا قوشۇلۇڭ! ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز بىلەن ھەققىي ھېس قىلىپ بېقىڭ، باشقلارغا ياردەم بېرىش خوشاللىنارلىق ئىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئالاھىدە توپ تۇرسا؟

   ئەيدىز بىمارلىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈشنى ئۆگىنەيلى!

بۇ تەرىپى ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز ئەيدىز بىمارى بولسىڭىز، سىز باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق قارىشىنى ئۈمىد قىلىسز؟ باشقىلار سىزگە قانداق ياردەم قىلىدۇ ياكى سىز بىلەن قانداق ئارىلىشىدۇ؟ بۇ مەسلىگە نىسبەتەن، بىز ئۆزىمىز قانداق دەپ ئويلىغان بولساق شۇنداق ياكى كىتابتا دېيىلگەن تەكلىپ بويىچىلا ئىش كۆرسەك بولمايدۇ! ئەيدىز بىمارلىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ باقايلى! 

   ئۇلار ھېسداشلىققا ئەمەس، بىر دوستقا ياكى بىر كۈلۈمسىرەشكە موھتاج!

   بۇ كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بەدەن بارغانسېرى ئاجىزلىششقا باشلايدۇ، ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ناھايىتى باتۇر، ناھايتى قەيسەرلىك بىلەن كېسەللىك ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرىدۇ، ئۇلار ھېسداشلىققا ئەمەس، بەلكى بىر ھەقىقىي دوستقا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشكە ياكى بىر كۈلۈمسىرەشكە موھتاج ياكى بىر جۈملە بولسمۇ ئىلھاملاندۇردىغان سۆز بولسلا كۇپايە!

   ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تاماق يەپ، ئايلىنىپ كېلىڭ!

   ئەگەر ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق دوستلىرىڭىز بولسا، كۆڭلىڭىزگە بەك ئېلىپ كەتمەڭ. كۆڭلى كۆكسڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ. ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەڭ، ئاندىن خالىغانچە ئايلىنىپ كېلىڭ، بەلكىم بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىش ھېسابلانمايدۇ، ئەمما ئۇلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور! چوقۇم ئۇلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىڭ !

   مۇناسۋەتلىك بىلىملەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلايلى!

   ئەيدىز كېسلى باشقا كېسەللىكلەرگە ئوخشمىغانلىقتىن، زۆرۈر بىلىملەر ناھايىتى مۇھىم.  مەسىلەن، ئەيدىز كېسلى قانداق يۇقىدۇ، بىمار بىلەن ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرسە بولامدۇ، ئەيدىز بىمارى يېمەكلىك يېگەندە نېملەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. بىرقىسىم بىلىملەرنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئارىلىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

 ئەلۋەتتە، بىز ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەتراپىمىزدىكى دوست-بۇرادەر، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ساغلام ياشاش، ئەيدىز كېسلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. 

نۇر تورىدىن ئېلىندى

yyyyyyyyy.jpg