ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
پېڭ لىيۈەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى مەكتەپ سەپىرىگە قاتناشتى
ۋاقتى : 2017-09-08 15:00:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 5-سېنتەبىر 9-قېتىملىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە بازىرى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت سۆھبىتىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ۋەكىلىنىڭ خانىملىرى بىلەن بىرگە شيامېن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۈزەل ياشلىقىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە» ناملىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى مەكتەپ پائالىيتىگە قاتناشتى.
ھاياتىي كۈچكە تولغان باش كۈزدىكى شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچاقلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى. پېڭ لىيۈەن پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى، گىۋىنىيە زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى، مېكسىكا زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمى، تايلاند زۇڭتۇڭىنىڭ خانىمىنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مېھمانلار بىلەن بىرگە پەن-تېخنىكا سەنئەت مەركىزىگە كىرىپ، جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى كۆردى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا قانات يايدۇرغان ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. جۇڭگو سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مەكتەپتىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى» پائالىيتى جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ رەپىقىسى، دۆلەت سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دوستلۇق ئەلچىسى پېڭ لىيۈەننىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسىدە، مېھمانلار شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ، ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش» تېمىسىدا ئىجاد قىلىنغان ھەيكەل، رەسىم، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆردى، ھەمدە قىزىل لېنتا بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ساپال چورىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، شيامېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ۋە مەكتەپتىكى ئەمەلىي ئىشلىتىش رولىنى كۆردى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ئۇلار جۇڭگونىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت نەتىجىسىگە يۇقىرى باھا بەردى.
پېڭ لىيۈەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىزنىڭ بۇ خىلدىكى پائالىيەتكە قاتنىشىشىمىز جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەيدىز بىمارلىرىغا بولغان كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، روھىي ۋاكسىنىنى ئەملەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدا سەھىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى