ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
شەندۇڭ ۋېيفاڭ ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچى پىدائىيلار ۋېيفاڭ جىڭشۇ مەھەللىسىدە زەھەر چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى
ۋاقتى : 2017-09-07 15:18:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

2-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ۋېيفاڭ ئىنىستىتۇتى «جىيۈەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ساۋاقداشلار ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى جاڭشى كوچىسى جىڭشۇ مەھەللىسىگە كېلىپ، زەھەر چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. بۇ ۋېيفاڭ ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات ئىنىستىتۇتىدىكى پىدائىيلارنىڭ 2- ئوقۇش مەۋسۇمىدە زەھەر چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جىڭشۇ مەھەللىسى خەلق مەيدانىدا، ئەدەبىيات ۋە ئاخبارات ئىنىستىتۇتى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ رەئىسى چېن شياۋتۇڭ رىياسەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەستايىدىل بىلەن تەييارلىغان نۇتۇقى بىلەن مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلى ۋە ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرغان، ھەمدە ئاممىنى ئەيدىز بىمارلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ھاياتىنى قەدىرلىشى تەكىتلەنگەن.
پىدائىيلار يەنە ئاھالىلەرگە ئاز كۆرۈلىدىغان يېڭى زەھەرنى تونۇشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ زەھەر ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان. ئاھالىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پىدائىيلار مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاپ تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى