ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى» خىزمەت يىغىنى مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىردى
ۋاقتى : 2017-09-06 15:44:48  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   23-ئاۋغۇست، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى  «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى» خىزمەت يىغىنى مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىردى، يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق 13 ئاپتونوم رايونلۇق مۇداپىئە خىزمەت كومىتېتى ئەزا ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتېت ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مۇتەخەسىسىلەر قاتناشتى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى.
   يىغىندا كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باھارگۈل سەمەتنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش «13-بەش يىللىق پىلان» ھەرىكەت پىلانىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھەمدە ئەزا ئورۇنلارنىڭ پىكرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مۇتەخەسىسلىرى پىكىر بايان قىلدى.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى