ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
چەرچەن ناھىيەسىدە 2017-يىللىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى : 2017-08-28 16:20:26  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 نۆۋەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلاپ، كېيىكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2017-يىلى 11-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، چەرچەن ناھىيەسى 2017-يىللىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋە تەربىيەلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ھەرقايسى يېزا-بازار سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش مەخسۇس كادىرلىرى ۋە كەنت دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش ئەملەش خادىملىرىدىن بولۇپ 80 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا ۋە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى.
يىغىندا، ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەركىزى 2017-يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەملەش پىلانى، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش، تۇبېركۇليۇزدىن مۇداپىئەلىنىش، ئېغىر نېرۋا كېسەللىرىنى باشقۇرۇش، يەرلىك كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى دوكلات قىلىنغان، ھەمدە 2017-يىل كېيىنكى يېرىم يىللىق پۈتۈن ناھىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى شيەن جىيۇڭ سۆز قىلىپ، 2017-يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق پۈتۈن ناھىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن ناھىيەنىڭ ھەرقايسى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۈگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 2017-يىللىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى