ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ "دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش" سۆھبەت يىغىنى
ۋاقتى : 2017-06-29 23:33:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان
    2017- يىلى 29- ئىيۇن، چۈشتىن بۇرۇن ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 9- قەۋەت يىغىن زالىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ، ھەر قايسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ئەترەتلىرىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ۋە بىر قانچە پىدائىيلار يىغىلىپ، "دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش" مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېپىدە توختىماي كۈرەش قىلىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۆھپە قوشۇش توغۇرلۇق ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتە بولدى. سۆھبەتتە ھەر قايسى ئەترەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، "ئەبەدىي ئەمىنلىك" تىن ئىبارەت باش نىشاننى چۆرىدەپ، ھەر قايسى خىزمەت ھالقىلىرىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تىنچ خاتىرجەم بولۇشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    سۆھبەتكە شىنجاڭ ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىۋاتقان شىنجاڭ يۈكسەل پىدائىيلار ئەترىتى، شىنجاڭ ۋاڭ ئەي پاراۋانلىقى، شىنجاڭ ياشلار ئەيدىن مۇداپىئەلىنىش گۇرۇپپىسى، شىنجاڭ تيەنتوڭ پاراۋانلىقى، شنجاڭ ئوغۇل بالا ھەسەن – ھۈسەن غايە پىدائىيلار ئەترىتى، مارتىن فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونى مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىقلار قاتناشتى.

770398083.jpg

839458359.jpg

1025934095.jpg