ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دەرىسخانىسى ئۈزلۈكسىز«ئۇنسىز» بۇلۇپ قالمىسۇن
ۋاقتى : 2016-10-15 17:05:36  مەنبەسى : جۇڭگو قىزىل لېنتا تورى  يوللىغۇچى : گۈزەلنۇر

ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دەرىسخانىسى ئۈزلۈكسىز«ئۇنسىز» بۇلۇپ قالمىسۇن

2001-يىلدىن2015-يىلغا قەدەر،دۆلىتىمىزدە 15-24 ياشتىكى ئوتتۇرا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى يىلسىرى ئۆرلەش نىسپىتى %35 كە يەتكەن(تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆرلەش ئامىلىنى ساقىت قىلغاندا)، %65 ئوقۇغۇچنىڭ يۇقۇملىنىشى ئالىي مەكتەپ مەزگىلىدە يۇز بەرگەن.«يۇقۇملانغۇچى»سانى كۈنسىرى ئۆرلىمەكتە،ئەگەردە ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش دەرىسخانىسى ئۈزلۈكسىز«ئۇنسىز» ھالەتتە بۇلۇپ قالغاندا،ئوقۇغۇچىلار خاتا يولغا مېڭىپ قىلىشى ھەتتا باشقا كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن، ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ھەرگىزمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.
دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە،جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش يەنىلا ئاساسلىق يۇقۇش يولى ھېسابلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوغۇل بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسپىتى%81.6 ئىگىلىگەن.ئالىي مەكتەپلەر نىمە ئۇچۇن ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر رايونغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ بىرىنچى، ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ،ئەر ھەمجىنىسلىق قىلمىشىغا قارىتا يېڭىلىق تۇيغۇسى مەۋجۈت،شۇنىڭ بىلەن سىناپ باققىسى كېلىدۇ،بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپتىن خەۋەرسز ۋە بىلىپ يىتەلمەيدۇ ،ئەيدىز كېسىلىگە ئېتىبار بەرمەسلىك،بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانماسلىق،ئەرھەمجىنىسلار ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ خەتەرلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توپىغا ئايلىنىپ قىلىشىغا سەۋەب بوپ قالغان؛ ئىككىنچى ئوقۇغۇچىلار ساغلام ۋە توغرا بولغان جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولالمايدۇ،ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى دەرىسخانىسى ئىزچىل«ئۈنسىز» سالەتتە تۇرماقتا؛ ئۈچىنچى، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنى بىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن، بەزىلەر يۇزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەيدىز تەكشۈرىشىدىن قاچىدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «جىنسىيەت» تەربىيىسىگە ئېرىشەلمەسلىكى سەۋەبىدىن، توغرا بولغان «جىنسىيەت»قارشىنى يىتىلدۈرەلمىگەنلىكىدە، ئەيدىز كېسىلىنى ئالي مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى دەرىسخانىسى ئىزچىل«ئۈنسىز» سالەتتە تۇرماسلىقى لازىم.
يازغۇچىنىڭ پىكرى، ئالىي مەكتەپ جىنسىيەت بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيىسى خىزمىتىنى ھەرگىزمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئالىي مەكتەپ جىنسىيەت بىلىملىرى تەربىيىسى خىزمىتىنى ھەرگىزمۇ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى« دۇنيا ئەيدىز كۈنى» شۇ بىر كۈنلا بولۇپ قالماسلىغى،ئۇنىڭدىن باشقا يىلدا بىر ئىككى قېتىم سۆزلىنىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى لازىم. جىنسىيەت بىلىملىرى تەربىيىسى دەرىسلىكى ماتىماتىكا ئىنگىلىستىلى دەرىسلىكلىرى قاتارىدا كۆڭۈل بۆلىنىشى،ئەگەردە ئوقۇغۇچىلار ساغلام ۋە توغرا بولغان جىنسىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولالمىغاندا، خاتا يولغا مېڭىپ قىلىشى ھەتتا باشقا كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن. ئۆز نۆۋىتىدە ، مەيلى ئالي مەكتەپ رەھبەرلىرى،ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيىسى خىزمىتىگە توغرا قارىشى ھەمدە قوللىشى لازىم. رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى،،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى،،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭتىپ ئۆگۈنۈش قىزغىنلىقى بولغاندىلا، بولسۇن، ئالىي مەكتەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيىسى خىزمىتىنى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالىي مەكتەپ، جەمئىيەتتىن باشقا ئائىلىدىمۇ بالىلارنىڭ توغرا بولغان «جىنسىيەت»قارشىنى يىتىلدۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.