ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
كۇچا ناھىيىسىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش لېكسىيەسى
ۋاقتى : 2016-08-31 18:26:49  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ



ئاپتۇنۇم رايۇن لىكسىيە ئۆمىكى كۇچا ناھىيىسىدە ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سۆلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى

 

 

 

‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ۋە ‹شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ئەيدىز كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامنامىسى›نى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ ئىزچىل ئەمەلىلەشتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش خەۋىپىنى ئازايتىپ، ياخشى بولغان ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىشقا مۇستەھكەم ئاساس تىكلەش ئۈچۈن، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسى، ناھىمىزگە ئەۋەتكەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۈكۈمەت مەسلىھەتچىسى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتچىسى ئارىپ مەمەت نىياز مۇئەللىم ناھىمىزدە 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئوچا بازىرى، ئشخىلا بازىرى، ئۈچئۆستەڭ يېزىسى، ئالقاغۇ بازىرى، چىمەن بازىرى، خانقىتام يېزىسى، ياقا بازىرى، ئۇزۇن بازىرى ۋە ناھىيە بازىرىدا ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە 11 مەيدان لېكسىيە سۆزلىدى. ھەر بىر مەيدان لىكسىيەگە يېزا-كەنت رەھبىرى، ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرى، دىنىي-زات، ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچى شۇنداقلا ئامما ۋەكىللىرىدىن 500 دىن 1200 گىچە ئادەم قاتناشقان بۇلۇپ، جەمئى 10 مىڭدىن ئارتۇق تەشۋىقات تايانچىلىرى تەربىيلەندى.

 

 

 

 

 

 

 

 


لىكسىيە جەريانىدا مۇئەللىم ئاممىباپ، چۈشىنىشلىك ئۇيغۇر تىلىدا، تۇرمۇشقا چۇڭقۇر چۈكۈپ، ئۆرپە-ئادەتكە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كىشلەرنىڭ ئەتراپتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى، كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋەقەلەرنى ئەمىلىې مىسال ئارقىلىق سۆزلەپ، جەمىئەتتىكى ناچار قىلمىشلارغا رەدىيە بەردى. ھەربىر مەيدان لىكسىيەدە ئاگاھلاندۇرۇش خارەكتىرلىك كۈرۈنمە چاستوتلۇق فىلىملەرنى قىستۇرۇپ قۇيۇپ بېرىپ، لىكسىيە مەزمۇنىنى بېيىتتى ھەم شۇنداقلا ئاممىدىن سۇئال سوراش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاپ، كۆپچىلىكنىڭ بەس-بەس بىلەن تالىشىپ جاۋاپ بېرىشگە تۈرتكە بولدى. لىكسىيە مەزمۇنى مول ھەم رەڭدار، شەكلى ھەرخىل، چۈشىنىشىك بۇلۇپ، لىكسىيەگە قاتناشقان ئامما ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش يۇلى، ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، مۇناسىۋەتلىك قانۇن –نىزاملار شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقى ۋە جەمئەتكە ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرلىرىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشۈنۈپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە بولغان ئاكتىپچانلىقى تېخىمۇ ئاشتى. شۇنداقلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ھەم زۈرۈرلىكىنى چۈشەندى. لىكسىيە جەريانىدا بىرنەچچە ئامما شېئېر- قوشاق يېزىپ، مۇئەللىمگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. مۇئەللىم تۇمۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ ئاممىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى.
بۇ قېتىمقى لىكسىيە پائالىيىتىگە كۇچا ناھىيىلىك پارتىكوم خەلىق ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كونكىرىت لاھىيە تۈزەپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بۇلۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. شۇنداقلا لىكسىيە مەزمۇنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىندى. لىكسىيەنىڭ نەتىجىسىدىن ناھىيىلىك پارتىكوم، خەلق ھۈكۈمىتى رازى بولدى، كەڭ خەلق ئاممىسى تېخىمۇ رازى بولدى.

 

 

 

 

 

 

 

كۇچا ناھىيىلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمەت كومىتىتى ئىشخانىسى
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى