ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
تەشۋىقات ۋە ئەيدىز
فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھرىدىكى 50 نەپەر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش تەشۋىقات ئەزاسى بولدى
ۋاقتى : 2015-11-18 16:56:29  مەنبەسى : جۇڭگوخەۋەرتورى  يوللىغۇچى : سەدەف

فۇجيەن ئۆلكىسى شىشى شەھرىدىكى 50 نەپەر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش تەشۋىقات ئەزاسى بولدى
 

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتى، مائارىپ ئورگىنى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ رايونلىرىدا بۇلۇپمۇ ئالي مەكتەپلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش خىزمىتىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كىلىپ چىقىۋاتقانلىقى، بىرقىسىم رايوندىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بۇلۇپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇ ئۇقتۇرۇش ئاساسىدا شىشى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى تېزگىنلەش مەركىزى مەكتەپلەردىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېزگىنلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەردە تەشۋىق-تەربىيە خادىملىرىنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە، لىكسىيە سۆزلەش، بىرمۇ-بىر تەشۋىق قىلىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىن ماتېرياللىرىنى قۇيۇپ بېرىش، قارا دوسكا چىقىرىش، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنىغان،ساغلام بولغان ئىدىيە ۋە ماھارەتلەرنى تارقاتتى.
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر تورى يارپ تورى تەرجىمىسى