ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
جۇڭگونىڭ ئاشق-مەشق بايرىمىدا تيەنجىن شەھىرىدە جىنسىي ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىكنى تەۋسيە قىلىش پاراۋانلىق پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى : 2017-08-30 14:59:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى يەرشارى بويىچە نۆۋەتتىكى جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق. نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىز ياشلىرى ئىچىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلار سانى بازا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. جۇڭگودا 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئىستۇدېنتلار ئىچىدە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار سانى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %35 ئاشقان.
بۇ خىل ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ، خەتەرلىك قىلمىش ئىچىدىكى گاندوننى ئىشلىتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ئاشق-مەشۇق بايرىمىدا تيەنجىن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، جۇڭگو قىزىل لېنتا تورى ۋە ofo كىچىك سېرىق ئاپتوموبىل تيەنجىن بىرلەشمىسى بىرلىكتە «بىزگە مۇھەببەت كېرەك، ئەيدىز كېرەك ئەمەس» ياش-ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىك تەۋسيە قىلىنغان پائالىيەتنى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەت خېدۇڭ رايونى يۈەنياڭ كەلگۈسى خەلق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەت ئويۇن خاراكتېرىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىستۇدېنتلار، ياش-ئۆسمۈرلەر ئاكتىپلىق بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان. پائالىيەتتىن كېيىن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇنىۋېرىسال بىلىملىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇلۇپ، ياخشى بولغان ئىجتىمائىي تەشۋىقات مۇھىتى يارىتىلغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى