ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ئۈرۈمچىدە 1-تۈركۈم بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىدىن مال كەلدى
ۋاقتى : 2017-08-15 12:10:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

خۇش خەۋەر ! ئۈرۈمچىدە 1-تۈركۈم بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىدىن مال كەلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەملەش باشلىنىدىكەن.
   مۇخبىرنىڭ 10-سېنتەبىر بۇلاقتاغ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا 1-تۈركۈم بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. خىزمەتچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاكسىنا 10-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن، نۆۋەتتە تىزىملاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بارلىق ۋاكسىنا تىزىملاپ بولۇنغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئەملەش نۇقتىلىرىغا تارقىتىلىدىكەن. ۋاكسىنىنىڭ باھاسى، سانى كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارادا ئىشلىتىلىۋاتقان ۋاكسىنا ئۈچ خىل بولۇپ، ئۇلار: ئىككى باھالىق، تۆت باھالىق ۋە توققۇز باھالىق ۋاكسىنا ئىكەن.
  بۇ قېتىم ئېلىمىزدە بازارغا سېلىنغىنى ئىككى باھالىق بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى بولۇپ، HPV-16 ۋە HPV-18 ئىككى خىل گېن ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، بۇ ئىككى خىل گېن ۋىرۇسى %70 بالىياتقۇ بوينى راكى ۋە بالىياتقۇ بوينى راكىدىن بۇرۇنقى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، بالياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئەملەنگەندىن كېيىن، كېسەلگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ۋاقتى 20 يىلدىن 50 يىلغىچە بولىدىكەن.
   شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بالياتقۇ بوينى راكى جۇڭگودا 15 ياشتىن 44 ياشقىچە بولغان قىز-ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان 2-چوڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكى بولۇپ، ھەر يىلى يېڭىدىن بايقالغان كېسەللىك تەخمىنەن 130 مىڭغا يېتىدىكەن. بۇ خىل ۋاكسىنا 9 ياشتىن 25 ياشقىچە قىزلارغا ماس كېلىدىكەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى