ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغان ئون خىل ئادەم
ۋاقتى : 2017-08-10 15:04:01  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 1. بويى پاكارلار. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ بويى 165 سانتىمېتىردىن 168 سانتىمېتىرغىچە، ئاياللارنىڭ بويى 159 سانتىمېتىردىن 162 سانتىمېتىرغىچە بولسا، ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن.

 2. سەل سېمىزلەر. ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 6 مىليون ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن ئۆمرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سېمىزرەك كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېنېرگىيەسى ۋە قارشىلىق كۈچى ئورۇق كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇزاقراق ئۆمۈر كۆرىدىكەن.
  3. پاينەكباشلار. بۇنداق ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۈچلۈك، كۈچ – قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بولغاچقا، ئوتتۇرىچە ئۆمرىمۇ ئۇزاقراق بولىدىكەن.
 4. قۇلىقى ئۇزۇنلار. قۇلىقى ئۇزۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىكەن، بۇ ئېھتىمال ئۇلارنىڭ بۆرەك قۇۋۋىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
 5. بېلى ئىنچىكىلەر. بېلى ئىنچىكە كىشىلەر ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈپلا قالماستىن، يەنە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە ئاز گىرىپتار بولىدىكەن.
  6.تۇنجى بالىلار. سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۇنجى ۋە ئىككىنچى بالىلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدىكەن، 90 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا تۇنجى ۋە ئىككىنچى بالىلار% 60.6 نى، 100 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا تۇنجى ۋە ئىككىنچى بالىلار% 77.3 نى ئىگىلەيدىكەن.
 7. تۇرالغۇ مۇھىتىدا ئۆسۈملۈك كۆپ بولغانلار. ماددىي تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولغان ئەھۋالدا، يىل بويى گۈل – گىياھ ئارىسىدا ئالدىراش ئىشلەيدىغانلارنىڭ يېشىللىق ئاز بولغان قايناق بازاردا ئولتۇرىدىغان كىشىلەردىن يېشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە يىل ئۇزاق بولىدىكەن.
  8. كۆپ چۈش كۆرىدىغانلار. ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئادەمنىڭ مېڭىسىدە ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ماددا ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى پېپتىد (肽眠催 ) بولىدۇ. كۆپ چۈش كۆرىدىغانلاردا ئاز ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى پېپتىد (肽眠催) بولغانلىقتىن، ئۆمرى ئۇزاق بولىدىكەن.
9. ب قان تىپىدىكىلەر. بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇلايىم ۋە خاتىرجەم، كەڭ قورساق ۋە مەردانە كېلىدۇ، ئۈستۈنلۈك تالاشمايدۇ. شۇڭا ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار ئىچىدە B قان تىپىدىكى كىشىلەر %83 نى ئىگىلەيدىكەن.
10.قان بېسىمى يۇقىرى بولغانلار. فىنلاندىيەلىك بىر دوختۇرنىڭ بايقىشىچە، 80 ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ قان بېسىمى تۆۋىنى 90، يۇقىرىسى 160 ئەتراپىدا بولۇپ، ھايات قېلىش نىسبىتى قان بېسىمى نورماللاردىن ئۇزاق بولىدىكەن.