ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان رايونلاردا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى
ۋاقتى : 2017-08-02 12:28:17  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ئۈرۈمچى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) دا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى قامىلىپ تۇرۇۋاتقان، يىغىۋېلىپ تەربىيەلىنىۋاتقانلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، گوۋۇيۈەننىڭ «بەشنى كېڭەيتىپ، ئالتىنى چىڭىتىش» سىياسىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلاردا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت لايىھەسىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئۈچ نەپەر خىزمەتچى خادىمى 2017-يىلى 25-ئىيۇل تەۋەلىكتىكى تۈرمىدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى.
پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئاكتىپلىق بىلەن تۈرمە نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى، ئالاھىدە ئامما توپى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا، «تۈرمە نازارەتچىلىك ئورۇنلىرىدا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرمىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلىدىغان سورۇنلاردا ئىزچىل مۇداپىئە پىرىنسىپىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قاماقتىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئەيدىزنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن، ھەمدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنى تېزدىن تەكشۈرۈش ۋە جىددىي داۋالاشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ قېتىملىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تەۋەلىكتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىپ كونترول قىلىش خىزمىتى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلىنىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى نۇقتىلىق ئادەملەر توپىنىڭ ئەيدىز تەربىيەلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىزنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، مەستەھكەم ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. 
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى