ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
يانفون بىلەن ئەيدىز ( Mobile phone & AIDS )
ۋاقتى : 2017-07-17 11:51:23  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

توققۇز مىڭ نەچچە يۈز سوملۇق يانفوننىڭ ئاشۇ ياۋاش ئايال تەرىپىدىن ئون بەشىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چۆرىۋىتىلگىنىنى ئاڭلاپ ئانچە پىسەنت قىلىپ كەتمىدىم . چۈنكى ياۋاش ئاياللارنىڭمۇ « مۈڭگۈزى » بولىدىغانلىقىغا ، ھامان بىر كۈنى ئۇلارنىڭمۇ « پارتلاپ » كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم .
ئاغىنەمنىڭ يانفونىغا تولاراق ناتونۇش قىز – چوكانلاردىن سىگنال كېلەتتى . قىز – چوكانلار شۇنداق كېلىشىۋالغانمۇ ياكى ئاغىنەم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانمۇ ، تۆت ئادەم يىغىلغان سورۇن بولسىلا ، ئۇنىڭ يانفونى سايرىغىلى تۇراتتى . بۇنداق ئاۋارىچىلىقتىن بىز زېرىكسەكمۇ ئۇ زېرىكمەيتتى ، ئەكسىچە ئىنتايىن سىپاگەرلىك بىلەن سۆڭگىچىگە قول سوزۇپ ، ئالتۇن تاقىلىق كەمىرىدىن قىممەت باھالىق يانفونىنى ئالاتتى – دە ، قۇلاقلىرىغا يېقىپ تۇرۇپ « خالو ! » دەيتتى . ئۇنىڭ بىلىدىغان بىردىن – بىر ئىنگلىزچە سۆزىمۇ شۇ ، مەيلى قايسى مىللەت ، قايسى جىنس بىلەن سۆزلەشسۇن ، بىرىنچى بولۇپ ئەھۋال سورايدىغان ، سۆزلىشىش ئاخىرلاشقاندا خوشلىشىدىغان تەكەللۇپ سۆزىمۇ شۇ ئىدى . بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئويناق كۆزلىرى بىزدە بولاتتى . بىزنىڭ – كىچىكىدىن تارتىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەيران قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، قاپقارا بۇرىتىنى ئەتەي ئىرغىتىپ قوياتتى . سۆزلىشىپ بولغاندا ، غەيرى كۈلۈمسىرەپ « خالودىن كەپتۇ ، ئەتە ئۇچىرىشىدىغان بولدۇق » دەيتتى . بىز چاقچاق قىلىپ :
- ئاشنىلىرىڭ كۆپ بولۇپ كەتسە ، قىيامەتتە ئۆكتە قوپىدۇ جۇمۇ – دېسەك ، ئۇ – بىز دېگەن ئوغۇل بالا ، دەپ مەيدىسىگە ئۇراتتى .
بىر كۈنى ئۇ ئۇشتۇمتۇت مېنى ئىزدەپ كەلدى :
- شاڭخەيگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم ، ئايالىمنى شۇ يەردىكى دوختۇرخانىدا داۋالىتىشقا توغرا كەلدى . سەن ئۇ شەھەردە ئۇقىغان ، تونۇشلىرىڭ بولسا خەت يېزىپ بەرگىن ، ئىشلىرىمىز ئاسانلاشسۇن .
شاڭخەيدە قانداق تەقدىر كۈتۈپ تۇرغاندۇ بۇلارنى؟
- بولىدۇ ، بىراق مەن ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان ، مىدىتسىنا كەسپىدە تونۇشلىرىم يوق ، – دېدىم مەن سەل ئويلىنىۋېلىپ ، ھە راست ، پۇدۇڭ ئېچىش رايونىدا بىر كارخانىچى تونۇشۇم بۇلىدىغان ، شۇنى ئىزدە ، ئىشلىرىڭغا ياردەملىشىپ قالار .
خەتنى يېزىپ ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم . ئۇ ئاۋايلاپ يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن ، يەنە بىر يانچۇقىدىن يېرىم ئالىقانچىلىك تېلېفون خاتىرىسىنى چىقاردى .
- ئەمدى قىز – چوكان تونۇشلىرىڭنىڭ چاقىرغۇ – تېلېفونلىرىنى ياز ، بولمىسا زېرىكىپ قالىمەن .
- كەچۈر ، – دېدىم مەن ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىپ ، – مەندە ئۇنداق نومۇرلار يوق . بولغان تەقدىردىمۇ ، سەن زېھنىڭنى يىغىپ ، ئايالىڭنى داۋالىتىشىڭ كېرەك . ئۇ يەردە …
- قويە سېنى ! مەن خوتۇنۇمنى قويىۋېتىمەن دېمىدىمغۇ ؟ شۇڭىمۇ بىر خوتۇن ئېلىپ ياشاپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمەيۋاتىسەن ، – ئاغىنەم بۆلەكچىلا خاپا بولۇپ كەتتى ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، « خوش ئەمىسە » دېگىنىچە ئىشخانامدىن چىقىپ كەتتى .
ئاغىنەم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەققىدە ئىختىيارىسىز ئويلىنىپ قالدىم . باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقىغان ساۋاقداشلىرىم ئىچىدە پەقەت مۇشۇ باتۇر بۇرۇتلا ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ، ئىشچىلىقتىن كادىرلىققا ئۆسكەن ئىدى . سۇ بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدە كاتىپلىق قىلىدىغان بۇ ئاغىنىمىز يۈگۈر – يىتىم خىزمەتلەرنى خېلى ئۇزاق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈنمۇ ، ئەمەلدارلار بىلەن كۆپرەك ئارلىشىپ قالىدىغانلىقىدىنمۇ ياكى قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا ھېرىسمەنلىكىدىنمۇ ، ئەيتاۋۇر ھەممىنى كۈلدىرەلەيدىغان يۇمۇرچى بولۇپ يىتىشكەن ئىدى .
شۇڭا ئۇنىڭ ئارلىشىدىغانلىرى ، ئەر ئۈلپەتلىرىدىن ئايال ئۈلپەتلىرى كۆپرەك ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىما ئالاقە خىزمەتتىنمۇ موھىم تۇيۇلاتتى . شۇ سەۋەبتىن چاقۇرغۇ ئۇمۇملاشمىغان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ چاقىرغۇ ئاسقان ، يانفۇن يېڭىدىن پەيدا بولغاندا ئۇنى يەنە بىرىنچى بولۇپ ئىشلەتكەن مۇشۇ ئاغىنىمىز بولدى . تېلېۋىزور ، يانفون دېگەندەك ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسىنى ، ئەڭ مودىسىنى ئىشلىتەتتى . يېڭىسى چىققاندا كونىسىنى سېتىۋىتەتتى ، باھاسى بېلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتى ، بۇ جەھەتتە داڭق چىقارغان مەرتلەردىن ئىدى . لېكىن ئۇ ئاشۇ ئېلېكتىر ئۈسكىنىلىرىنىڭ پەقەت يىگىرمە پىرسەنت ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشنىلا بېلەتتى ، يەنە سەكسەن پىرسەنت ئىقتىدارى ئىشلىمىسىمۇ كارى يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن سۈپەت بىلەن ئابروي ھەممىدىن مۇھىم ئىدى .
بۇ ئاداشنىڭ ئايالى كېسەلدەك قىلاتتى يەنە ئويۇنىنىڭ گېپى.............
ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتتى . باتۇر بۇرۇتنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ، ئايالىنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ئۇلارنى يوقلاپ كېلىشنى ئويلاۋاتسام ، ئۇ ئۆزىلا كېلىپ قالدى . قارىسام ئۇ ئون بەش يىلدىن بۇيان ئالدۇرمىغان بۇرىتىنى ئالدۇرىۋېتىپتۇ .
- كۈلىسەنغۇ ؟ – دېدى ئۇ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ تۇرۇپ ، – شاڭخەيدىكىلەر ساڭا سالام ئېيتتى .
- ئۆمۈرى ئۇزۇن بولغاي ، – دېدىم مەن ، – كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ ، تېلېفون قىلسام ، يانفونۇڭنى ئىشلەتمەپسەنغۇ ؟
- قويە ئۇ يانفوننىڭ گېپىنى …
باتۇر بۇرۇتنىڭ ھېكايە قىلىپ بېرىشىچە ، ئەر – ئايال ئىككىيلەن شاڭخەيگە بارغاندىن كىيىن ، پۇدۇڭدىكى كارخانىچى تونۇشۇمنىڭ ياردىمىدە ئەڭ داڭلىق دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپتۇ . جېجىياڭ كوچىسىدىكى « غەربى دىيار » ئاشپۇزۇلىدا تاماق يەۋېتىپ ، ناھايتى چىرايلىق بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ . ئۇ قىز باتۇر بۇرۇتقا ئالاقىلىشىش نومۇرىنى دەپ بېرىپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يانفۇننى ئىشقا سېلىپ ، قىز بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇپتۇ ، ئۇلار ئىككىسى غەربچە رېستۇرانلارغا بېرىپ تاماقلىنىپتۇ . قىز باتۇرنىڭ بۇرۇتىنى چۈشۈرۈۋېتىپ ، « پاكىز » يۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپتۇ ۋە ئالىي دەرىجىلىك ساتىراچخانىغا ئۆزى باشلاپ بېرىپ ، يۈز ۋە بەدەنلىرىنى « پاكىز » لىتىپتۇ . ئۇنىڭ بەدىنىگە سۈركەلگەن سىلىقلاش مېيى شۇنداق خۇشپۇراق چاچىدىكەنكى ، باتۇر ئاغىنەم ئەزەلدىن بۇنداق خۇشپۇراققا چۆمۈلۈپ باقماپتىكەن . كىيىنكى كۈنلەر ئەيش – ئىشىرەت ئىچىدە ئۆتۈپتۇ ، بارمىغان سەيلىگاھلار ، قونمىغان ئالىي ياتاقلار قالماپتۇ . باتۇرنىڭ تۇيۇقسىز بۇرىتىنى چۈشىرىۋېتىشى كېسەل كارۋىتىدا ياتقان ئايالىنى ئەجەپلەندۈرۈپتۇ . بىچارە ئايال توختىماي سايرايدىغان تېلېفونىدىن گۇمانلىنىپ ، گاھىدا « بىر ئايالنىڭ ئاۋازىغۇ ، كىم ئۇ ؟ » دەپ سورايدىكەن . ئاغىنەم « شىنجاڭدىكى خىزمەتداشلاركەن » دەپلا قويىدىكەن . شىنجاڭغا قايتىمىز دىيىشىۋاتقان چاغدا بىر كۈنى كېسەل كارۋىتى يېنىدا ھېلىقى قىز پەيدا بولۇپتۇ . ئۇ بوينىدىكى پارقىراپ تۇرغان مېدالىئوننى ئېلىپ :
- بۇ مېنىڭ سىزگە سوۋغىتىم بولسۇن . ئېرىڭىزنى ماڭا قالدۇرۇپ ، شىنجاڭغا قايتىپ كېتىڭ . بىز توي قىلىپ سىنگاپورغا چىقىپ ياشايمىز ، – دەپتۇ .
- نېمە ؟ نېمە دەيدۇ ماۋۇ ؟ – دەپتۇ ئايال ھاڭ-تاڭ بولۇپ .
قىز بىر تۇتام سۈرەتنى چىقىرىپ ئايالغا كۆرسىتىپتۇ . بۇ سۈرەتلەر باتۇر ئىككىسىنىڭ ئىككى يېرىم ئايلىق تۇرمۇشىنىڭ « گۈزەل كارتىنىلىرى »كەن . باتۇرنىڭ ئايالى ئاۋۋال تاتىرىپ كېتىپتۇ ، ئاندىن دەرغەزەپ بولۇپ، سۈرەتلەرنى دېرىزىدىن سىرتقا ئېتىپتۇ ، ئارقىدىن ئېرىنىڭ سۆڭگىچىدىكى قىممەت باھالىق يانفۇنىنى يۇلۇپ ئېلىپ ، دېرىزىدىن تاشلىۋېتىپتۇ …
- ھەر ھالدا ئەر – خوتۇن ئىككىڭلار بىللە قايتىپ كەپسىلەر ، – دېدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ ، – ھېلىقى خېنىمدىن قانداق قۇتۇلدۇڭ ؟
- ئاجايىپ ئىش . ئۇ مەن بىلەن ئارلىشىپلا ، « سىزگە كۆيۈپ قالدىم » دىگىلى تۇردى . خۇتۇن ئاغرىق بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئانچە – مۇنچە كۆڭۈل ئېچىپ يۈرۈپ تۇراي ، دەپ ئويلاپتىمەن . كىم بىلسۇن ؟ ئۇ ماڭا چاپلىشىپلا قالدى . ئۇنىڭغا « سىز قايتىپ كېتىپ تۇرۇڭ ، ئايالىمنى يولغا سېلىۋېتىپ ، مەن شاڭخەيدە قالاي » دەپ يالغان ئېيتتىم . ئاندىن دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى تېزلىكتە بېجىرىپ ئالدىراپ يولغا چىقتۇق . ھەي ، نېمىسىنى دەيسەن ، قايتىپ كەلگەندىن بۇيان ئايالىمنىڭ چىرايى ئېچىلمايدۇ ، ئۆيدىكى تېلېفوننىمۇ ئۈزۈۋەتتى ، يانفوننىڭ گېپى چىقسىلا تېرىكىدۇ . قارىغاندا ئەر – خۇتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە دەز كەتكەندەك قىلىدۇ . ئەڭ چاتاق بولغىنى …
 گۈزەل كارتىنىلارنىڭ ئاخىرى قانداق بولغاندۇ؟
ئاغىنەمنىڭ بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك ئەگپ قىلالماي قالدى . كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش قۇيۇلدى .
- نېمە بولدۇڭ ؟ – دېدىم مەن ئاغىنەمنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىدىن ئەجەپلىنىپ .
- ئەڭ چاتاق بولغىنى … ئۇ … ئۇ قىز ئەيدىز كېسىلىكەن … مەن … مەنمۇ يۇقىملىنىپ …!
- نېمە ؟!
باتۇرنىڭ يىغىسى ئەۋجىگە چىقتى . مەن ئۇنى قانداق بەزلەشنى بىلمىدىم . ئەيدىزنىڭ نېمىلىگىنى ، قانداق يۇقىدىغانلىقىنى ، قانداق ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئۇ مەندىن ئوبدان بىلەتتى . شۇڭا ئۇنىڭغا :
- كۆڭلۈڭنى بۇزما ، ئېھتىمال يۇقىملانمىغانسەن ، يۇقۇملىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، مېدىتسىنا ئىلمى تەرەققى قىلىۋاتىدىغۇ . دەر ھال دوختۇرخانىغا بار – ، دېگەن گەپنىلا قىلالىدىم.