ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
HIV قانداق ئەھۋالدا چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ
ۋاقتى : 2017-03-08 14:24:17  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار يېتەكچىلىك قىلغان تەتقىقات ئەترىتى يېقىندا HIV ۋىرۇسىنىڭ چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىنى يۇقۇملاندۇرۇش سەۋەبىنى بايقىدى. چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ئاق قان ھۈجەيرىسىگە تەۋە بولۇپ، گەرچە ئۇنىڭ تەركىبىدە قوغدىغۇچى ئاقسىل بولسىمۇ، ئۇلار داۋاملىق HIV تەرىپىدىن يۇقۇملىنىدۇ. ئۇلار بىر خىل دورىنىڭ چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىنىڭ ئىممۇنىتېتلىق مۇداپىئە ئىقتىدارىنى قوغدايدىغانلىقىنى بايقىغان، ۋاھالەنكى بۇ HIV/AIDS نى داۋالاپ ساقايتىدىغان ھالقىلىق ئۆتكەلنىڭ بىرى.
   چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتلىق ئاقسىلنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ، SAMHD1 دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇ HIV ۋىرۇسىنىڭ ھۈجەيرە ئىچىدىكى چاپلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
   تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە HIV نى يۇقۇملاندۇرىدىغان مۇھىم سورۇن بولۇشى مۇمكىنكەن، لېكىن نۆۋەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرىگە قارىتىلمىغان. چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە يۇقۇملانغاندىن كېيىن داۋاملىق HIV باكتېرىيەسىنى تارقىتىدۇ، شۇڭا بەدەندىكى بۇ يۇقۇملىنىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويۇش بارلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى مۇھىم بىر ئۆتكەل ھېسابلىنىشى مۇمكىن. 
                                                                                                                          ئەخمەت قۇربان تەرجمىسى