ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
چىلىم ۋە ئەيدىز
ۋاقتى : 2016-12-10 11:57:29  مەنبەسى : ئۆز ماقالىمىز  يوللىغۇچى : يارپ


چىلىم ۋە ئەيدىز

چىلىم بىلەن ئەيدىزنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن دەپ ئويلايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. چىلىم كەيىپ قىلىدۇ. كەيىپلىكتە ئالۋاستىلار كۆزىگە ساھىپجامال كۆرۈنۈپ، ئەيدىزگە پۇتلىشىپ يۈرگەنلەر چىقىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشقا ۋاستىلىق سەۋەپ بولۇپ قېلىشمۇ، چىلىمنىڭ ئالاھىدە زىيىنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
نۆۋەتتە، جەمئىيىتىمىزدە بىر قىسىم ئارامگاھ، ئايرىمخانىلىق سورۇنلاردا خۇددى ھەر خىل قورىما-تاماقلارنى بۇيرۇتقاندەك، چىلىمنىمۇ بۇيرىتىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ، ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك دېمەي چىلىم چېكىپ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى، بىر تەرەپلىمە ھالدا مەدەنىيەت دەپ قارايدىغانلار باركەن. تېخى، چىلىم چىكىش دېگەن ئەرەپلەرنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيىتى، ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ چىلىم چېكىشى خۇددى نۇرمالنى ھاۋادىن نەپەس ئالغاندەك، ئادەتتىكى كۈندۈلۈك ئىشى ھېساپلىنىدۇ دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى ئەرەپلەرگە سېلىشتۇرۇپ، چىلىم چىكىشنىڭ ئاساسلىرىنى تەييارلاپ تۇرۇشىدىكەن.
ئەرەپلەرنىڭ قانداق مەدەنىيەتتە، قانداق ئىدىيەدە، قانداق تەرەققىياتتا ئىكەنلىكىگە باھا بىرەلمەيدىغان ھالىغا ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ دورامچىلىق قىلىپ، چىلىم چېكىشنى "مەدەنىيەت" دەپ قارايدىغانلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر بىلەن پەرۋايى پەلەك بولسا كېرەك.
چىلىم چېكىپ بېسىمنى يۇقۇتىمىز، ھاردۇقنى چىقىرىمىز، كەيپىياتنى كۆتۈرىمىز دەيدىغانلار جىسمىغا قۇل بولغانلار بولۇپ، چىلىمنىڭ زەھەر ئىكەنلىكىگە پىسەنت قىلماي ئۇنىڭغا مەستانە بولغانلاردۇر. باشقىلاردىن دورايدىغانلار يەنە مۇشۇنداق ئۆزىدىن دورايدىغانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ زەھەر چېكىدىغانلار بىر-بىرسىدىن دوراش بىلەن مۇشۇ پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ.
يۇرتىمىزدا خىلمۇ-خىل زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ نىسبەتەن كۆپلىكىنى زەھەر چېكىشكە نىسبەتەن ئۈنۈملۈك ھەم داۋاملىق ھالەتتىكى جامائەت پىكرىنىڭ يوق دىيەرلىك بولىۋاتقان سەۋەبىدىن دېمەي تۇرالمايمىز. يەنە بىر تەرەپتىن قىممەت ئېڭىمىزدىكى چۈشكۈنلۈك ئارىلاشقان چېكىدىن ئاشقان راھەتپەرەسلىك ئۆمۈرنىڭ ھەر خىل زەھەرلەرگە مەپتۇن بولىشىدەك ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. خەلقىمىز ئارىسىدا بۇرۇندىن تارتىپ نەشە، چىلىم-بەڭ دېگەندەك كەيىپ قىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش نورمال ئىشتەك داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە نەشە سېتىش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېساپلىنىپ جازا بىرىلسىمۇ، ئەمما چىلىم چېكىش ئاشكارە ھالەتتە مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. چىلىم بىلەن نەشىنىڭ بىر تۇققانلىقنى يۇشۇرىدىغان كىشىلەر، چىلىمنى خۇشپۇراق گۈللەردىن تەييارلىنىدۇ، كەيىپ قىلمايدۇ دەپ ئۆزلىرىگە باھانە ئىزدەپ يۈرۈيدۇ. تاماكىنىڭ خۇمار-كەيپى باريۇ، نەشە ئارىلاشتۇرىدىغان چىلىمنىڭ كەيىپ قىلمايدىغانلىقىغا كىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلسۇن!
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىش چەكلىنىدۇ، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش چەكلىنىدۇ، خىروئىن ۋە باشقا يېڭى تىپتىكى بىرىكمە زەھەرلەرنى سېتىش ۋە ئىستىمال قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ. ئەمما، چىلىم دىققەت-نەزەرنىڭ سىرتىدا قالغان ھالەتتە، يىمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىدا تەۋسىيە قىلىش ۋە تەلەپ قىلىش بىلەن سېتىلىۋاتىدۇ. ئارامگاھ سورۇنلىرى چىلىم سېتىش مۇلازىمىتى قىلىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ.
چىلىم چېكىش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتە ئورالغان تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ زېيىنى تاماكىنىڭ زىيىنىدىن كۆپراقتۇر.
بەھرەيندىكى «زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى»نىڭ تور سەھىپىسىدە چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارتوغرىسىدا مۇنداق بايانات ئېلان قېلىنغان.
بۇ ماددىلار تاماكا تەركىبىدە شەكىللەنگەن ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ، بەلكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ سانى 4000مىڭدىن ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ مۇھىملىرى: نىكۇتىن، زەھەرلىك گاز، كۆمۈر مېيى، ئېغىر مېتال، ئوت ئالغۇچى ماددىلار، راك كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان ماددىلار، خىمىيىلىك زىرائەت ماددىلىرى، ھاشارەتنى ئۆلتۈرىدىغان ماددىلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بەزى شىركەتلەر چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تۈرلىرىدىن كۆمۈر مېيى ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تازىلاپ پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان چېكىملىك ماددىسىغا تەركىۋى ئېنىق بولمىغان بەزى تەم ۋە خۇشبۇي ماددىلارنى قاتىدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن كىلىدىغان زىياننىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلەلمەيمىز.
بەزىلەرنىڭ چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تاماكىغا ئوخشاش خەتىرى يوق دېگەن سۆزى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۆت يىل جەريانىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى، چىلىمدا ئىستىمال قىلىنىدىغان شىرنىلىك ماددا ساپ زەھەرلىك ماددا بولۇپ، شىركەتلەر سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ياكى تەكشۈرۈشىگە قويماستىن ئۇنىڭ تەركىبىگە يەنە تۈرلۈك رەڭلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ماددىنىڭ راك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
بەزى ساددا كىشىلەر چىلىم ئارقىلىق تاماكا چېكىشنى ھالال، ئۇنىڭ تۈتۈنى چىلىمدىكى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق چېقىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدىن بەكلام چەتنەپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ:
1-چىلىمنى بىر قېتىم شوراش ئاز بولغاندا 10 تال سىگارېت چەككەنگە باراۋەر كېلىدۇ.
2- شىرنىلىك چېكىملىك بىرقىسمىنىڭ چىلىمدا كۆيۈشى چىلىمدىكى زەھەرلىك ماددىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.
3-بىر چىلىمنى بىر قانچە كىشى ئىشلەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ.
4-چىلىمنىڭ سۈيى چىلىمدىكى تاماكا ماددىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ.
كۆپچىلىك كىشىلەر چىلىم چېكىشنىڭ زېيىنى تاماكا(سىگارېت) چېكىشنىڭ زىيىنىدىن ئاز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى قاراشتۇر. چۈنكى ئۇلار چىلىمدا بار بولغان سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەن تۈتۈن زىيانلىق ماددىلارنى پۈركىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىلىم چىكىش ئارقىلىق كىلىدىغان زىياننىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما چىلىم چەككۈچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۈتۈننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. چۈنكى ئېغىزدىن چىققان شۇ تۈتۈنمۇ تاماكا تەركىبىدە بار بولغان زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى:
چىلىم چېكىش دائىم خۇمار قىلىدۇ.
چىلىم چېكىش ئۆپكىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىششىپ كېتىشى، تەرەپلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ كېسەل ئېغىرلاشقانسىرى ئىنساندا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.
چىلىم چېكىش ئۆپكە، ئېغىز بوشلۇقى، كاناي ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ.
چىلىم چېكىش قان تەركىبىدىكى كاربۇن گازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
چىلىم چېكىش ئەر-ئاياللاردا ئۇرۇقدانلارنىڭ كەمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىلىم چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە سىل كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
چىلىم چېكىش دائىم چىلىم چېكىدىغان ئاياللار ھامىلداربولغاندا قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ ۋەزنى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداقلا تۆرەلمە كەلگۈسىدە نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولىشى ياكى تۇغۇلۇپلا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.
چىلىم چەككۈچى ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ كىيىمىدىن سېسىق پۇراقلار تارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋازىنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ بولىشى، كۆز قارچۇقلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن يۈزى ۋە بەدەن تېرىسىگە قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە چىلىم چەككۈچى ئۆز ئۆيىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مۇھىتىنى بۇزغۇچى ھېسابلىنىدۇ.
چىلىمنى تاماكا ماددىسى قوشماي پەقەت گۈل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىش توغرىسىدا بولۇپ، ئۇ قانداق گۈل سۈيى بىز بۇنى بىلمەيمىز ۋە بۇنداق بولىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايمىز، ئۇنداقتا چىلىمدا كۆيىدىغىنى قانداق ماددا؟، ئۇنىڭدىن سۇمۇرىلىدىغان نەرسىچۇ؟، بۇ ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن شاخلاپ چىققان نامەلۇم نەرسىگە ھۆكۈم قىلىشتۇر.
دېمەك، چىلىمنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپ خىل زىيانلىق ئاقىۋەتلىرى بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ خۇمار قىلىدىغانلىقى ئۇنىڭ كەيپىنىڭ كۈچى-تەسىرىنىڭ ئادەتتىكى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغانلار مەينەتخانىلاردا مەينەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەيدىز سوۋغىسىغا ئىرىشىپ يۈرىۋاتىدۇ. خىروئىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرىدىغانلار ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ، ئەيدىزنى ئۆزئارا يۇقتۇرىشىۋاتىدۇ. يەنە، نەشە-خىروئىن چېكىدىغانلار كەيىپنىڭ كۈچىدە كۈچىيىپ كېتىدىغان جىنسىي ئىستىگىگە قۇل بولۇپ، ھەمجىنىسلارنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرۈپ، ئەرلەر ئارا مۇناسىۋەتتىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىپ يۈرىشىۋاتىدۇ. زەھەرگە خۇمار بولغانلار زەھەر سېتىۋالىدىغان پۇل تېپىش ئۈچۈن، خۇددى بىر كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يىگەندەك تېنىنى سېتىپ يۈرۈپ، قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت سەۋەپلىك ئەيدىز ۋىروسىنى تارقىتىپ يۈرىۋاتىدۇ.
خوش، ئۇنداقتا چىلىم چېكىپ كەيىپ بولىدىغانلار نېمە ئىش قىلىدۇ؟ كەيىپ بولمىغاندا قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ سالىدۇ، بارمايدىغان يەرگە بېرىپ سالىدۇ، دېمەيدىغان گەپنى دەپ سالىدۇ. ئاقىۋەت، نومۇس قىلمايدىغان، ۋىجدانىنى يوقاتقان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەر خوتۇن ئالماشتۇرىدىغان، خوتۇن ئەر ئالماشتۇرىدىغان ئەھۋالنى كېلىپ چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. مۇشۇ جەرياندا تېخىمۇ چوڭراق، تېخىمۇ قاتتىقراق كەيىپ خىروئىن چېكىشكە ئۆگىنىپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى، كەيپكە ئۆگەنگەنلەر كەيىپنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنى كەيىپنىڭ تېخىمۇ چوڭىغا قىزىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ.
خەلقىمىزدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملدارلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ھەر خىل سەۋەپلىرىگە قارىغاندا، مەستلىكتە، كەيىپلىكتە، كۆڭۈل ئېچىش، ئويۇن-تاماشا سورۇنلىرىدا خۇدىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇپ، ساق چاغدا كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان ئوپچە خوتۇنلار بىلەن، ھېجىقىز بەچچىلەر بىلەن ناشايان ئىشلانى قىلىپ قۇيۇپ، يۇقتۇرىشىۋالغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىشىدۇ.
قىسقسى، چىلىم چىكىش، داۋاملىق چىلىم چىكىش، كۆپلەپ چىلىم چىكىش قىلمىشى بىلەن چىلىمنىڭ كەيپى سەۋەپلىك ۋاستىلىق ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى يۈز بەرمەيدۇ دېيەلمەيمىز. چۈنكى، چىلىم چەككەننىڭ ھېچ پايدىسى يوق.