ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
ئافرىقىدىكى ئەيدىزگە ئايلانغان پاھىشەلەر
ۋاقتى : 2015-01-15 15:11:45  مەنبەسى : خەۋەر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 13-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلى كومىتىتى  

ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق-مەلۇمات ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولىشىچە، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدىكى 150 مىڭدىن ئارتۇق جىنسىي مۇلازىمەتچىلەرنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %60 دىن كۆپرەكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن.

 

 

ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ئافرىقىدا ھەر يىلى دېگۈدەك كۆپىيىۋاتقان ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە %6 دىن %11 گىچە بولغان كىشى دەل جىنسىي مۇلازىمەتچىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان كىشىلەر ئىكەن.   جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلى كومىتىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى فارىد ئابدۇللاھ  مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئەگەر دۆلەت پۇقرالىرىغا ياردەم قىلىپ ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم جىنسىي مۇلازىمەتچىلەرنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ۋە شۇنداقلا بىز چوقۇم ئىشنى دەل مۇشۇلاردىن باشلىشىمىز كېرەك. دۆلەتلىك ئەيدىز كېسىلى كومىتېتى بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ھالدا جىنسىي مۇلازىمەتچىلەرگە قارىتىلغان قۇتقۇزۇش تۈر خىزمىتى تەسسىس قىلدى، مەزكۇر تۈر خىزمەت ئالدىنقى كۈنى جوھاننىسبۇرگدا رەسمىي باشلىنىپ يولغا قويۇلدى. مەزكۇر تۈر خىزمەت مەخسۇس جىنسىي مۇلازىمەتچىلەرگە قارىتا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، داۋالاش، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سەھىيە داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسى ئىجدىمائىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇ كۈنى 130 دىن ئارتۇق جوھاننىسبۇرگدىن كەلگەن جىنسىي مۇلازىمەتچىلەر مەزكۇر تۈر خىزمەت پائالىيىتىگە قاتناشتى.   جەنۇبىي ئافرىقا جىنسىي مۇلازىمەتچىلەر تەشكىلاتى  كېلىشتۈرگۈچىسى كولى بۇتېلېز پائالىيەت مەيدانىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مەزكۇر تۈر خىزمەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە مۇنداق دېدى، جىنسىي مۇلازىمەتچىلەر خىزمەت قىلغاندا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بىراق بۇنداق تەلەپ دائىم دېگۈدەك خېرىدارلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.