ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئالەمدىكى ئەيدىز
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
ئالەمدىكى ئەيدىز
سائىتىگە بىر ئادەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدىغان دۆلەت
ۋاقتى : 2015-04-10 09:07:24  مەنبەسى : 39 ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

فېلىپىندا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەر سائەتتە بىر ئادەم ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىۋېتىپتۇ

فېلىپىن سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دۆلەتتە 2014-يىل1-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا، يېڭى قوشۇلغان ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەلۇماتى 5502 گە يەتكەن بۇلۇپ، ھەر 4 سائەتتە ئۈچى كۆپەيگەن بىلەن باراۋەر ئىكەن.

فېلىپىن سەھىيە نازارىتىنىڭ دۆلەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى دوكلاتىدا مۇنداق دىيىلدى: ئالدىنقى يىلى يەنى 2014-يىلدىكى 11-ئايدىلا، يېڭى قوشۇلغان ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار مەلۇماتىدىكى ئادەم سانى 492 گە يەتكەن بۇلۇپ، 2013–يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %28 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىمى 15ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكىلەر ئىكەن. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، يېڭى قوشۇلغان ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %90 تىن ئارتۇقى جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ %85 تى ھەمجىنىس ئەرلەر ئوتتۇرسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇققان، %6 كە يېقىنى شىپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇققان. 40 ئادەم يۇقۇملانغۇچىدىن رەسمى ئەيدىز بىمارى باسقۇچىغا ئۆتكەن، 10 ئادەم ئۆلگەن.

دوكلاتتا يەنە، فېلىپىندىكى بۇ مەركەز 1984-يىلدىن باشلاپ ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىنى نازارەت قىلشقا باشلىغان بۇلۇپ، 2014-يىلى 11-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %10 تى رەسمى ئەيدىز بىمارى باسقۇچىغا ئۆتكەن، %55 تى ئۆلگەن.

يارپ تورى تەرجىمىسى، مەنبە: 39 ئەيدىز تورى.