ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز بىمارلىرى بالنىستتا يېتىش جەريانىدا، كېسەلگە قارىغۇچىلار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قانداق ئىشلىشى كېرەك؟
ۋاقتى : 2018-08-24 13:18:14  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

3c46d84ef03017c7ad720a.jpg

 ئەيدىزنىڭ يۇقۇملىنىش يوللىرى: قاندىن يۇقۇش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىقلار بولىدۇ. ئەگەر بىمارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ياكى ۋىرۇس يۈكلىنىش مىقدارى يۇقىرىراق بولغاندا، قارىغۇچى (بىمارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى)غا نىسبەتەن ئېيتقاندا خەتىرى ئەڭ زور بولغىنى بىمارنىڭ قېنىدۇر، شۇڭا بىمارنىڭ قېنىدىن بۇلغانغان نەرسىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا قولغا رېزىنكە پەلەي كىيىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن قىسقۇچ ياكى پولىئېتىلېن سۇلياۋ خالتىنى قولغا كىيىۋېلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئادەتتە بىمارنىڭ تەرىتى، بۇرۇن ئاجرالمىلىرى، شۆلگىيى، بەلغەم، تەر، ياش، سۈيدۈك ۋە قۇسۇقى قاتارلىقلار يۇقۇملۇق خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس، لېكىن، بىمارغا قارىغۇچى يەنىلا مۇۋاپىق قوغدىنىشى لازىم، بىمارنىڭ بۇلغانغان بۇيۇملىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا پەلەي تاقىۋېلىشى كېرەك. بىمارلار تۇرمۇش ۋە تازىلىق بۇيۇملىرى، مەسىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىقلارنى ئايرىم ئىشلىتىشى كېرەك. ئەگەر بىمارلاردا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى، مەسىلەن تۇبېركۇليوز قاتارلىقلار بولسا ماسكا تاقىشى كېرەك. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، HIVدىن بۇلغانغان يىڭنە-تىغ ئارقىلىق زەخملەنگەندىن كېيىنكى HIVدىن يۇقۇملىنىشنىڭ نىسبىتى %0.33 بولۇپ، شىللىق پەردە يۈزى ئېچىلىپ قالغاندىن كېيىنكى HIVدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.09 بولىدۇ، تېرىسى زەخملەنمىگەن ئەھۋالدا HIVدىن يۇقۇملىنىش يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر بىمار ئاللىقاچان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان، ۋىرۇسنىڭ يۈكلىنىش مىقدارىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن بولۇپ، گەرچە يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ  ئەمما بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، بىمارغا قارىغۇچى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇداپىئە تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك. بىمار بالنىستتا ياتقان مەزگىلىدە پىسخىكىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، شۇڭا بىمارغا قاراش جەريانىدا، ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولۇش، ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى توغرا ئىشلىتىش، زىيادە مۇداپىئە قىلىپ ساقلىنىش ئۈچۈن، بىمارنىڭ روھىي بېسىمنى ئاشۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش لازىم.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg