ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
دۆلىتمىز يېڭىدىن ئىشلەپ چىقارغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرغۇچى دورا بازارغا سېلىنىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى
ۋاقتى : 2018-08-02 16:25:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 دۆلەتلىك دورا نازارەت ئىدارىسىدىن ئىگەللىنىشىچە، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرغۇچى ئەڭ يېڭى دورا بازارغا سېلىنىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشكەن. بۇ دورا دۆلىتىمىزدە تۇنجى ئىشلەپ چىقارغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تۇرغۇچى دورا بولۇپ، بۇ دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىسى ھېسابلىنىدۇ.

دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان ئەيدىزگە قارشى تۇرغۇچى دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، بىخەتەر، ئىشەنچىلىك.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسى ئىمپورت قىلىنغان دورىلار بولۇپ، تاكى ھازىرغىچە دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىمىغان، لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا بولغان ئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارغان، ئاللىبۇرۇن كۆپ خىلدىكى دورىلار بىلەن داۋالانغان دەسلەپكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىدا دورىغا چىدامچانلىق ھادىسىسى كۆرۈلگەن بولۇپ، دورىغا چىدامچانلىق قېلىش ۋىرۇسى تارقىلىپ كەتسە، يېڭى دورا تەتقىق قىلىپ چىقىلمىسا ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ.

دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى يېڭى دورىنىڭ تەتقىقات، تەجرىبە ئىشلىرىغا باشتىن-ئاخىرى نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يېڭى دورىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن، دورا ئەكىس تەسىر قىلىدىغان بىمارلارغىمۇ نىجاتلىق نۇرى ئاتا قىلغان. يېڭى دورىنىڭ نازارەتتىن ئۆتۈش سۈپىتى ۋە سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك دورا نازارەت ئىدارىسى دورا نازارەت قىلىش مەركىزى دورىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ، دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش مەركىزى خەلقئارالىق ئۆلچەم بويىچە دورا ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتكە ئۆلچەم تۇرغۇزغان بولۇپ، دورىنى قانداق ئۇسۇلدا سىناق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك ئېلىپ بارغان.

يېڭى دورىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغان ھامان، كەڭ تور خەلقى ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1.jpg

ئەيدىز كېسىلى زادى قانداق كېسەل؟

ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز كېسەللىك ۋىرۇسى پەيدا قىلغان ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللىك. ئەيدىز ۋىرۇسى بىۋاستە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى CDT4 لىمفا ھۈجەيرىسى كۆپ مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، نەتىجىدە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كاردىن چىقىپ نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يامان خارەكتېرلىك ئۆسمە كۆرۈلۈپ، ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلاپ كېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە يوشۇرنۇش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9~8 يىلغىچە بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بايقىلىشتىن بۇرۇن ھېچقاندا ئالامەت كۆرۈلمىگەن ئاساستا نورمال خىزمەت قىلغىلى، نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ.

2.jpg

پەقەت ئەيدىز كېسىلىدىن قوغدىنىش ئۇسۇللىرىنى بىلسىڭىزلا ئەيدىز كېسىلى ئۇنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس.

قانداق قىلغاندا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

1. ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەلىم-تەربىيەنى كۈچەيتىش، ئەيدىز كېسىلىگە بولغان توغرا قاراش تىكلەش ھەمدە ئۆزىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىش.

2. بالىلارغا توي قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك توغرىسىدا تەربىيە بېرىش.

3. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، جىنسىي ھەمراھنى ئاز تۇتۇش ھەمدە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش.

4. بالىلارغا زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇش، زەھەردىن يېراق تۇرۇش، دوست تۇتقاندا چوقۇم زېرەك بولۇش، زەھەرگە قىززىقىش پىسخىكىسىدا بولماسلىق، كەيىپ-ساپا قىلماسلىق توغرىسىدا تەربىيە بېرىش.

5. زۆرۈر بولمىغان قان سېلىش ۋە قاندىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش. قان سېلىشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بىخەتەر قان ئىشلىتىش.

6. ئىسپىرتلانمىغان يىڭنە بۇيۇملارنى ئىشلەتمەسلىك، قاش چەكتۈرگەن، بەدەن چەكمىسى چەكتۈرگەن، يىڭنە سانجىپ داۋالاتقان ۋاقىتلاردا ئاممىۋى سورۇننىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، خەتەرلىك ئامىللار يوشۇرۇنغان جايلارغا بارماسلىق.

7. ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرسىگە سادىق بولۇش، نىكاھ سىرتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئائىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىنىڭ بىرى.

8. ئەر-خوتۇن ئارىسىدا بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ھەر قېتىملىق جىنسىي تۇرمۇشتا چوقۇم ئەڭ ئۆلچەمگە توشقان قاپچۇق ئىشلىتىپ، قارشى تەرەپنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش.

9. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدە ئىنتايىن ئاسان ئۆزگۈرىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ھەر ئىككىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تەقدىردىمۇ چوقۇم قاپچۇق ئىشلىتىش، يەنە باشقا خىلدىكى ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟

1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ھامىلدار بولۇش مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى ئويلىنىش، كۈتۈلمىگەن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش.

2. چوقۇم ھامىلدار بولۇش تەلىپى بار ئاياللار، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم مۇكەممەل بولغان داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، بوۋاقنىڭ ئاساسى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مەخسۇس دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىش، ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈۋېتىدىغان تېخنىكىلىق ئۇسۇل قوللىنىش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ بالىغا ئېرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قان بىلەن يۇقۇشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىمىز؟

1. ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىمارنىڭ يارىلىنىشىدىن ئېھتىيات قىلىش، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، سەي-كۆكتات توغرىغاندا قولىنى كېسىۋېلىش، مېۋە ئاقلىغاندا قولىنى كېسىۋېلىش قاتارلىق تاسادىبىي قان چىقىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارنىڭ ھەيز قېنى كىيىمگە ياكى كىرلىقلارغا يۇقۇپ قالغاندا، چوقۇم مىكروب يوقاتقۇچى سۇيۇقلۇق بىلەن پاكىزە يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش.

2. ئەگەر ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تولۇق ساقايمىغان يارا ئېغىزىغا تېمىپ كەتكەندە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا ۋاقتىدا قاننى توختىتىپ، يارا ئېغىزىنى دېزىنفىكسىيەلەپ پاكىزە تازىلاش لازىم.

3. ئائىلىدىكىلەر ئاسراش خىزمىتى ئېلىپ بارغاندا ئامال بار بىر قېتىملىق ئىشلىتىدىغان پەلەي كىيىۋېلىش، ئىش تۈگىگەندىن كېيىن پەلەينى تاشلىۋېتىش ھەمدە قولىنى پاكىزە يۇيۇش.

4. چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، تىرناق ئالغۇچ قاتارلىق تېرىنى زەخمىلەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بولغان نەرسىلەرنى ئايرىم ئىشلىتىش.

5. زەھەر چېكىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا نىسبەتەن ئائىلىسىدىكىلەر يىڭنىدىن يارىلىنىشتىن ساقلىنىش، تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش ۋە داۋالىنىش لازىم.

ئەگەر ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەرگەندە، چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى دېگىنىمىز، دوختۇرلار، ساقچىلار ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئېھتىياتسىزلىقتىن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا دەرھال ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورا ئىشلتىىش، يۇقۇملىنىشنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg