ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
HIV بىمارلىرى دىئابىت كېسىلىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟ دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار.
ۋاقتى : 2018-07-12 18:59:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  HIVدىن يۇقۇملىنىشقا دىئابېت كېسىلى قوشۇلۇپ كەلسە، ئادەتتىكى دىئابېت كېسىلىنى داۋالىغانغا ئوخشاش داۋالاش كېرەك. ئالدى بىلەن بىمار ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى، ساغلام ئوزۇقلىنىشى، مايلىق، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك، يۇقىرى قەنتلىك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، تالالىق كۆكتاتلارنى يەپ بېرىشى، قەنت قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلىشى كېرەك. يەنە مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كېمەيتىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. 

ھەرىكەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى بىمارنىڭ ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىش. ھەرىكەت شەكلى كۆپ خىل بولسا بولىدۇ، مەسىلەن سەيلە قىلىش، تېز مېڭىش، گۇمپا مەشق قىلىش، يۈگۈرۈش قاتارلىقلار. يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەدبىرلەر ئارقىلىق قان قەنتىنى ياخشى كونترول قىلىشقا بولمىسا، ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ ۋراچلىرىدىن توغرا مەسلىھەت ئېلىش كېرەك، يەنە دىئابېت دورىسىنى ئىچىش ۋە ئىنسۇلىن ئۇرغۇزۇپ داۋالىنىشنى ئويلىشىش كېرەك، لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، HIVغا قارشى دورا بىلەن دىئابېتنى داۋالايدىغان دورا-ئوكۇللار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش بولىدۇ، شۇڭا ئىمكان بار ئۆز-ئارا تەسىرى يوق دورىلارنى تاللاش كېرەك. ئۇندىن باشقا، بىمار چوقۇم قەرەللىك ھالدا قان شېكىرى، شېكەرگە ئايلىنىش گېموگلوبىنى، قان مېيى، قان بېسىمى، بۆرەك ئىقتىدارى، كۆز تېگى قاتارلىقلارنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg