ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
Treg ھۈجەيرىسى بوۋاقنى ئانىسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن قوغدايدۇ
ۋاقتى : 2018-07-03 16:02:40  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20180615190939563.jpg

 ئالىملارنىڭ يېقىندا بايقىشىچە، Treg ھۈجەيرە بىر خىل تەڭشەش خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى بولۇپ، ئانىسى يۇقۇملانغاندا بالىياتقۇ ئىچىدىكى بوۋاقلارنى HIV ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشىنى قوغدىشى مۇمكىن. Emory ۋاكسىنا مەركىزىنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئامېرىكىدا مىكرو ئورگانىزملار جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە جورجىيە ئىشتاتى ئاتلانتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ASM Microbeدا ئېلان قىلىنغان .

لىمفا ھۈجەيرىسى دېگىنىمىز ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ھۈجەيرە بولۇپ، باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە ۋىرۇس ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئاسرايدۇ. Treg ھۈجەيرىسى ياكى تەڭشىلىشچان T ھۈجەيرىسى ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسىدىكى مۇھىم «ئۆزىنى تەكشۈرۈش پروگراممىسى» بولۇپ، زىيادە ئىممۇنىتېتلاش تەسىرى پەيدا بولۇش سەۋەبىدىن توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

تەتقىقاتچىلار 64 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان بوۋاقنىڭ قېنى ۋە 28 نەپەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بوۋاقنىڭ قېنىنى تەتقىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقۇملانمىغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا Treg ھۈجەيرە سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئەكسىچە، باشقا لىمفا ھۈجەيرە تىپلىرى HIVدىن يۇقۇملانغان بوۋاقلاردا ئاكتىپلاشتۇرۇلغان، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان. HIV ۋىرۇسى پەقەت قوزغىتىلغان لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىلا يۇقۇملاندۇرالايدىغان بولغاچقا، Treg باشقا لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق HIVدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.

گەرچە بۇ تەتقىقاتتىكى تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ سانى بىرقەدەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاكتىپلاشتۇرۇلۇشىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق، Treg ھەتتا بوۋاق تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا HIVدىن ياكى باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشىدىكى ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg