ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئانىدىن بوۋاققا ئەيدىز يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلار
ۋاقتى : 2018-07-02 11:36:59  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

 بىرىنچى، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىھىسى

1. تەۋسىيەلىك لايىھە

(1) ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ياكى تۇغۇش ئالدىدا يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان، تېخى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار دەرھال ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشى لازىم.

ۋىرۇسقا قارشى دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا مىقدارى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

(2) ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن ۋىرۇسقا قارشى داۋالىتىشنى باشلىغان ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ۋىرۇسنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىتىشى لازىم.

2. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار.

(1) ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان ھامان، مەيلى CD4+T لىمفا ھۈجەيرە سانى ۋە ۋىرۇسنىڭ يۈكلىنىش ئۆلچىمى بولسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تېزدىن باشلىشى كېرەك.

(2) ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قىزىل قان ئاقسىلى 90g/Lدىن تۆۋەن ياكى نېيترال دانچە ھۈجەيرىسى0.75×109/Lدىن تۆۋەن بولسىلا، ۋىرۇسقا قارشى AZT دورىلارنى تاللىماسلىقى ياكى توختىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. TDFنى قوللىنىشتىن بۇرۇن، بۆرەك ئىقتىدارىنى باھالىتىش لازىم.

ئىككىنچى، بوۋاقنىڭ ۋىرۇشقا قارشى دورا ئىشلىتىش لايىھەسى.

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئىمكانقەدەر تېزدىن (6~12 سائەت ئىچىدە) ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلىتىشى لازىم، ئەگەر بوۋاق ئانا سۈتىدىن ئوزۇقلىنىدىغان بولسا NVPنى ئاۋۋالقى تاللاش قىلىش كېرەك.

بوۋاقلارنىڭ كېسەللىككە قارشى دورا ئىشلىتىش تەكلىپى ۋە مىقدارى (NVP):

بوۋاقلارنىڭ كېسەللىككە قارشى دورا ئىشلىتىش تەكلىپى ۋە مىقدارى (AZT):

ئۈچىنچى، ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا ئالاقىدار تەكشۈرۈش

ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، دورا ئىشلىتىش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈپ، كلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دورا ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆزىتىش.

تۆتىنچى، بىخەتەر تۇغۇت مۇلازىمىتى

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تولۇق مەسلىھەت بېرىش، يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇغۇتتىن بالدۇرراق ياردەم بىلەن تەمىنلەش، شۇنداقلا ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇتنى كۈتۈپ تۇرۇش لازىم.

بەشىنچى، بوۋاقلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش مەسلىھەتى ۋە يېتەكلىمىسى

سۈنئىي ئوزۇقلاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىش، ئانا سۈتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرماسلىق ۋە ئارىلاش ئوزۇقلاندۇرۇشنى چەكلەش.

ئالتىنچى، بالىلاردىكى ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىش.

ھەر دەرىجىلىك داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان يۇقىرى خەتەرلىك ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇلغان بالىلىرىنى كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش، بالىلارنىڭ بىر، ئۈچ، ئالتە، توققۇز، 12 ۋە 18 ئايغا تولغان مەزگىلدە، ئايرىم تەكشۈرۈش ۋە بەدەن تەكشۈرۈپ، يۇقۇملىنىش بار-يوقلۇقىنى كۆزىتىش.

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغقان بالىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش ۋە مۇلازىمەت جەريانى:

 

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغقان بالىلارنىڭ ئەيدىز ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇلازىمەت جەريانى:

 

يەتتىنچى، مۇرەككەپ سۇلفامېتوكسازوللارنى پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىش

قوللىنىش ئوبيېكتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: CD4+ T لىمفا ھۈجەيرە سانى 200دىن ئاز / mm3 بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە CD4+ T لىمفا ھۈجەيرە نىسبىتى %15تىن تۆۋەن بولغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلار.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg