ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز بىمارلىرى بىلىپ تۇرۇپ نۇمۇسىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللانسا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
ۋاقتى : 2018-05-31 10:43:43  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 20180501184616475.jpg

نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ئېلىمىزدە پەقەت قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، لېكىن گۇاڭجۇ شەھىرى خۇاڭپۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى بىر دېلونى تەكشۈرۈش داۋامىدا، پۇت يۇيىدىغان بىر ئايالنى قولغا ئالدى، بۇ زادى قانداق ئىش؟ خۇاڭپۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى «خۇاڭپۇ تەپتىش مەھكىمىسى» دە ئاشكارىلىنىشىچە، 2018-يىلى فېۋرالنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ساقچىلار خۇاڭپۇ رايونى نەنگاڭ كوچىسىدىكى مەلۇم مېھمانساراينى تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىر ئەر ئىككى ئايالنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى بايقاپ نەق مەيداندا قولغا چۈشۈردى.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، لىxx ۋە خېxx ئىسىملىك ئىككى ئايال مەزكۇر مېھمانسارايدا ياتاق ئېچىپ پاھىشىۋازلارنى كۈتكەن، ئىككىسى ئەگەر ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا بىرسى ياتاقتا پاھىشىۋازنى كۈتىدىغان، يەنە بىرسى ياتاق سىرتىدا كۈتۈپ تۇرىدىغان بولۇپ كېلىشىۋالغان. شۇنىڭ بىلەن لىxx ئۈندىدار ئارقىلىق بىر پاھىشىۋاز بىلەن كېلىشىپ، زىيانلانغۇچى ۋاڭxx بىلەن 400 يۈەن باھادا سودىنى پۈتۈشكەن. ۋاڭxx مېھمانسارايغا يېتىپ كەلگەندە لىxx تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەچكە، ئۇچى مېھمانسارايدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن تەڭلا تۇتۇلغان.

خۇاڭپۇ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئورگان ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى «خۇاڭپۇ تەپتىش مەھكىمىسى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ دېلودىكى جىنايەت گۇماندارى لىxx ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نومۇسىنى سېتىش بىلەن شۇغۇللانغان، لېكىن يەنە بىر ئايال خېxx نىڭ مەۋجۇتلىقى جىنايەت شەكلىنى بېكىتىشكە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. دېلو يۈز بەرگەندە لىxx، خېxx ۋە ۋاڭxxنىڭ ھەممىسى بىر ياتاقتا، نۆۋەتتىكى دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، لىxx بىلەن ۋاڭxxنىڭ نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ھەققىدە مەقسەت بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى دەلىللىگىلى بولمايدۇ، شۇڭا لىxxنىڭ ئەيدىز بىمارى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ نومۇسىنى سېتىش قىلمىشىنى پەقەت جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىش، دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

گەرچە لىxx نىڭ قىلمىشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىش ھېسابلانسىمۇ، لېكىن تەپتىش مەھكىمىسى ئەيدىز كېسىلى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىپ كەتسە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لىxx نىڭ قىلمىشى «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىدىكى «ئىجتىمائىي خەۋپ-خەتىرى» ئېغىر ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدۇ دەپ قاراپ، لىxxنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى. پاھىشىۋازلىق قىلغان ۋاڭxx كە ج خ ئورۇنلىرى مەمۇرىي جازا بەردى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 360-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: «جىنسىي كېسەل تارقىتىش جىنايىتى» ئۆزىنىڭ سىفىلىس، سۆزنەك قاتارلىق ئېغىر دەرىجىدىكى جىنسىي كېسىلى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىمغا ئېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە جەرىمانە قويىلىدۇ.

«ئامانلىق باشقۇرۇش جازالاش قانۇنى»نىڭ 66-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا 10 كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ھەمدە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇشقا بولىدۇ، ئەھۋالى بىرقەدەر يېنىك بولسا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىلىدۇ.

قوشۇمچە چۈشەنچە. «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامنامىسى»نىڭ 62-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەيدىز بىمارى، ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن تارقاتسا، قانۇن بويىچە ھەق-تەلەپ تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

يارپ تورى تەھرىرى

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg