ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىمىز بىلەن 2030-يىلى ئەيدىز كېسىلىنى تۈگىتىمىز
ۋاقتى : 2017-12-19 20:49:35  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى سالونى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. بىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىز كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. نۆۋەتتە سانسىزلىغان كىشىلەر ۋىرۇسنىڭ قايتما كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلدى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەردە. خەلقئارادا يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ سانى تەدرىجىي تۆۋەنلىمەكتە.

بىراق يۇقۇم ئەھۋالى تېخى ئاخىرلاشمىدى، كەلگۈسى دۇچ كېلىدىغان رىقابەت تېخىمۇ چوڭ. ھازىر يەنىلا 15 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشىلەر داۋالىنىشنى كۈتمەكتە. تەخمىنەن 11 مىليون كىشى ئۆزىدىكى ئەيدىز كېسەللىك ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ. دۇنيا بويىچە قارىغاندا، بالاغەت مەزگىلىدىكى قىزلار ۋە ياش ئاياللار ئارىسىدا ھەر ھەپتىدە تەخمىنەن يەتتە مىڭ نەپەر يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقىلىۋاتىدۇ. بۇ سانلار ھەقىقەتەنمۇ قاباھەتلىك ھادىسىنى بىزگە بىلدۈرمەكتە: پۈتۈن دۇنيا بويىچە نەچچە مىليون كىشى ساغلاملىق ھوقۇقىدىن ئايرىلدى.

بۇ رىقابەتنىڭ ئورتاق نۇقتىسى، يامان ئاتاق، كەمسىتىش، جىنسنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلىش، زوراۋانلىق ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارى ۋە ئەڭ ئاسان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلار (ئاياللار، ياشلار، پاھىشىلەر، مەھبۇسلار، زەھەر چەككۈچىلەر ۋە ھەمجىنىسلار)نىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش بولۇپ كەلدى.

تارىختىن بۇيان سەپەرۋەرلىكنىڭ كۈچىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىزگە شۇنى دەيدۇكى، بۈگۈنكى رىقابەتنى جەزمەن يېڭىشىمىز كېرەك. مۇشۇ ماقالە بىزگە ئەسكەرتكىنىگە ئوخشاش، بىزدە ئىجتىمائىي ھەققانىيەت ۋە قانۇن-تۈزۈم ئاساسىدىكى سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك خەلقئاراۋىي كۈنتەرتىپ بار. بۇ كۈنتەرتىپ 2030-يىلىغا بارغاندا ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت ئاممىۋىي سەھىيە خىزمىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان ئىبلىسنىڭ يوقۇلۇش قارارنامىسىنى بېكىتتى. بىزدە كۈچلۈك بولغان ئىلىم-پەن ۋە مېدىتسىنا قورالى، ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئالىملار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە باشقا مەنپەئەتداشلاردىن توپلانغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. ب د ت باش كاتىبى يېقىندا ئېلان قىلغان 2017-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، دۇنيا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. بىراق بىز يەنە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

مەسىلە شۇكى: بىزنىڭ قىلىش زۆرۈر بولغان ئىشلار ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاسان تارقىلىش خاراكتېرىنى ئازايتىشقا، سەھىيە تېببىي مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەممە كىشى بەھر ئالالايدىغان سەھىيە مۇلازىمىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا جۈرئىتىمىز بارمۇ-يوق؟ ئىشىنىمەنكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ بۇ جەرياندىكى ئاچچىق ساۋىقى، «دۇنياۋى ساغلام پۇقرا» دا كۆرسىتىلگەن ھوقۇق سىياسىتى ۋە ئۇسۇلى بويىچە، كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى بىلەلەيدىغان، ئۆز ئەندىشىسىنى بايان قىلالايدىغان، ناھەقچىلىككە جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ھەمدە قارار چىقارغۇچى مەسئۇل بولالايدىغان قەيسەر كىشىگە ئايلىنالايدىغان پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھوقۇقنى قوغداش ۋە جەمئىيەت يېتەكچىلىك قىلىش ئاساسىدىكى ئۇسۇل ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم. بىز جەزمەن ئومۇمىي خەلقنى ساغلاملىق تۈرىگە ۋە سىياسىتىگە قاتناشتۇرىشىمىز كېرەك. خۇددى ب د ت باش كاتىپى ئەسكەرتكەنگە ئوخشاش: سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، بىز دائىم كەينىگە تاشلاپ قويۇلىدىغان كىشىلەرگە تېگىشلىك ھوقۇق ئاتا قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار دەل ئاياللار ۋە قىزلار، ياشلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى. بارلىق دۆلەتلەردىكى ئەيدىز كېسىلى تۈرى، ھەقىقىي تۈردە ھوقۇققا ئىگە قىلىش ۋە كونكرېت تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قانۇن ۋە سىياسەتتىكى بىر قىسىم توسالغۇلارنى ھەل قىلىشى زۆرۈر.

ھەربىر جەمئىيەت ئاشكارىلىق ۋە سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ساغلاملىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش-تېخىمۇ كۆپ باشلامچىلىققا ۋە مۇكەممەل مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرمە تۈزۈمىگە ئېھتىياجلىق، بۇلارنى ب د ت ۋە جەمئىيەت كوللېكتىپىنىڭ ھەممىسى قوللايدۇ. ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە كاپىتال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، ئۈنۈملۈك قانۇن ۋە سىياسەت مۇھىتىنى يارىتىش ۋە قوغداش ۋەدىسى ئاساسىدا، ئومۇمىي خەلقنى بۇ خىزمەتكە قاتناشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

ئەڭ ئاخىرىدا قايتا تەكىتلەش زۆرۈركى، داۋالاش مۇھىتى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى كەمسىتىشنى يوقىتىش جەزمەن خەلقئارالىق تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلىنىشى كېرەك. سىجىل تەرەققىيات نىشانى كۈنتەرتىپىنىڭ يادرولۇق ۋەدىسى بولسا ھېچقانداق كىشىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق. كەمسىتىش-ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنىڭ قاپلىنىشى، ساغلاملىققا تەلپۈنۈشكە قارىتا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى سەھىيە مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىنى توسۇپ قويىدۇ.

بۇ ماقالىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى، بىز ئەخلاق ۋە قانۇننىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز. ئىلگىرىكى ھوقۇق ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ساۋىقىنى جەزمەن ئەستە تۇتىشىمىز كېرەك. قوغداشنى كېڭەيتىش، جىنسنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتنىڭ پائال قاتنىشىشىنى قوللاشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرمە تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىپ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىشىمىز كېرەك. خۇددى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دائىمىي يىغىنى ئىجتىمائىي مۇنبىرىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىدەك: غورۇر ۋە باراۋەرلىك سىياسەتنىڭ يادروسىدا مەزمۇت يىلتىز تارتقىنىدا، سىياسەت تېخىمۇ ياخشى مېۋە بېرىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg