ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟
ۋاقتى : 2017-12-06 00:35:37  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

2.jpg

  بىر تۈرلۈك (HIV) ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى ھۈجەيرىلەرنى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەجەللىك ئاجىزلىققا دۇچ كېلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئىنساننىڭ بەدىنىدە ئۆمۈرلۈك يۇقۇملىنىپ، ئىممۇنىتېت تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ھەرخىل كېسەللەرنىڭ بەدەنگە كىرىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزى ھېچقانداق كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. پەقەت ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، باشقا خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشقا شارائىت يارىتىش ئارقىلىق ئادەمنى ئەجەلگە ئېلىپ بارىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ، كېسەللىك مەزگىلىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ، ئەيدىز يۇقۇمدارى كۆرۈنۈشتە ئىنتايىن نورمال بولۇپ، باشقا نورمال كىشىلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمىگەن ئاساستا ياشايدۇ ۋە خىزمەت قىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنساننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى چەكلەش ئارقىلىق تۈرلۈك تېرە كېسەللىرىنى، مەسىلەن: قاپارتما، سۆگەل ۋە زامبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئامېرىكا داۋالاش مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدىكى پىروففىسسور كارنىتنىڭ ئېيتىشىچە، بىماردا ئورۇقلاش، ھارغىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى، تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن. ئىلگىرىلەپ كۈزىتىش ئارقىلىق تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئېغىر ۋە جاھىل تېرە كېسەللىكلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان دەسلەپكى ئالامەتلەر ھېسابلىنىدىكەن. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ بەدىنىدە مۇناسىۋەتلىك ئانتېتىلا ئاجرىلىپ چىقىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەدىنىدە بۇ خىل ئانتېتىلا كۆرۈلگەن كىشىلەردە تۆۋەندىكى بىر ياكى بىر نەچچە خىل تېرە كېسەللىكلىرى كۆرىلىدىكەن.
1. تېرە ياللۇغلىنىش، قىزىرىپ ئىششى، سۇلۇق قاپارتما ۋە يىرىڭلىق قاپارتما قاتارلىق تېرىنىڭ باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشلىرى، تىپىك بولغانلىرىدا ئېغىزى ۋە بۇرۇننىڭ ئەتراپىغا چاچما ھالەتتىكى ئۇششاق سۇلۇق قاپارىتمىلار چىقىدۇ.
2. ئېغىر بولغاندا مايلىق تېرە ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. يۈز، باش ۋە بەدەن تېرىلىرىدە ئېغىر قاسراقلىق كېپەكلەر پەيدا بولىدۇ.
3. ئېغىر بولغاندا تېرە قۇرغاقلىشىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ ياكى ياشلاردا تۇيۇقسىز قېرىلارنىڭكىدەك تېرە كۆرۈلىدۇ.
4. قولتۇق قاتارلىق ئورۇنلاردا تۈك خالتىسى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ.
5. توغرا ئۈچەي ۋە مەقەت ئەتراپىدا ئاددىي سۇلۇق قاپارىتما، قول، پۇت ۋە ساقال-بۇرۇت ئۆسكەن ئورۇنلاردا يېڭى ئۆسكەن سۆگەل كۆرۈلىدۇ.
6. پۇت قىسمىدا ئېغىر زامبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، مۇتەخەسىسلەر كۆرسىتىپ ئۆتكەن يۇقارقى تېرە ئالامەتلىرى دەپ قارالغان بولسىمۇ، لېكىن شۇ بىمار چوقۇم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقان بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، يېقىندا گۇمانلىق قان سالدۇرغان، يېكى ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دېگەندەك. ئەگەر تۇيۇقسىز يۇقارقىدەك تېرە ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، چوقۇم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، دىياگنوزنى ئېنىق قويۇش كېرەك.

yyyyyyyyy.jpg