ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
مۇشتلاشقاندا ئەيدىز يۇقامدۇ؟
ۋاقتى : 2017-10-22 13:42:48  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

muxlaxkanda.jpg

مۇشتلاشقاندىمۇ ئەيدىز يۇقامدۇ دەپ بەزى كىشىلەر ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مۇشتلىشىپ قالغانلار ئارىسىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولسا، ئۇنىڭ قاش-قاپاقلىرى يېرىلىپ، باشقىلارنىڭ قاش-قاپاقلىرىمۇ يېرىلىپ، يېرىلغان ئورۇندىن چىققان قانلار مۇشتلاشقۇچىلار ئارا يۇقۇشۇپ كېتىپ، بىر-بىرسىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ ئارىلىشىپ كەتسە، مۇشتلاشقاندىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، مۇشتلىشىپ قاش-قاپاقلار يېرىلغاندا، ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى ئادەمنىڭ جانلىق ھەم ھەرىكەتچان ھالەتتىكى قانلىرى ئۇچرىشىپ-ئارىلىشىپ قاندا بار بولغان يۇقۇملۇق ۋىرۇسلار ئۆتۈشمەي قالمايدۇ. مۇشتلاشقۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدۇ، يە بىلمەيدۇ. شۇنداقلا، مانا مۇشۇنداق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارنى باشقىلار بىلەن مۇشتلاشمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقلا، باشقىلار بىلەن مۇشتلىشىپ قالغۇچى ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بولسا، مەندە ئەيدىز ۋىرۇسى بار، مەن بىلەن مۇشتلاشماڭلار دېگەن گەپلەرنى دەپ يۈرمەيدۇ. خورلۇق-ھاقارەتكە ھەم بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى تۈگۈل، ھەتتا مېيىپلارنىڭمۇ باشقىلارغا مۇشت-كاللا قويغۇسى كېلىدۇ. مۇشتلاشقاندا قاش-قاپاق يېرىلىپ، بۇرۇن ئىزىلىپ، كاللا تېشىلىپ، چىش سۇنۇپ، ئېغىز قاناپ كېتىشتەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن، ئاچچىقى چېكىگە يەتكەن مۇشتلاشقۇچىلارنىڭ قانلىرى بىر-بىرسىنىڭ يېرىلىپ قانىغان ئورۇنلىرىدىكى قانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق يۇقۇش-تارقىلىشتىن ئىبارەت يولى بىلەن مۇشتلاشقۇچىلار ئارا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماي قالمايدۇ. مۇشتلىشىشقا سۈپەت-لاياقەت كەتمەيدۇ، پەقەت باش-كاللا قۇيۇشۇپ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇشتلاشقۇچىلار ئارىسىدا كىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمىغاندىكىن، ھەم مۇشتلاشقاندا قان چىقىش ئەھۋالىنى توسۇۋالغىلى بولمىغاندىكىن، ساق ئادەم بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ قېنىنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. مانا مۇشۇنداق، ساق ئادەم بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ قېنىنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئاسانلا يۈز بىرىپ قالىدۇ. دېمەك، مۇشتلاشقاندا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش " ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك"تەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، قان چىقارماي مۇشتلىشىمەن دېگىلى بولمايدۇ، ھەم مۇشتلاشقۇچىدىن كىمنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن ھاقارەت-خورلۇققا ئۇچرىغاندا، مۇشتلاشقۇچىنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكى بىلەن كارى بولۇپ كەتمەيدۇ. شۇنداقلا، تىل-تاياق يىگەندە، باشقىلاردا ئەيدىز بارمىدۇ-يوقمىدۇ دەپ دەر گۇمان بولۇپ، قېچىپ يۈرۈيدىغان ئىشلارمۇ كۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ. قىسقىسى، مۇشتلاشقاندا ئەيدىزنىڭ يۇقۇپ قېلىشى يۈز بەرگەندە، ھېچكىمگە گۇناھ ئارتقىلى بولمايدىغان، جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولمايدىغان، پەقەت مۇشتلاشمىسام بولۇپتىكەن دەپ پۇشايمان قىلىشتىن باشقا ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.

yyyyyyyyy.jpg