ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەرگە موھتاج (1)
ۋاقتى : 2017-09-06 23:01:43  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

1fe5c6a3824af42e59b1e06799616f87.jpg

 ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ ھەر كۈنى كۆكتات ياكى مېۋە – چېۋە يېيىشىگە ، گۈرۈچ (گۈرۈچ تالقىنى) ، ئۇماچ ، بەرەڭگى ، كوممىقوناق ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ، ھەر خىل پۇرچاق ، تۇخۇم ، بېلىق ياكى گۆشلەرنى ئستېمال قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا تائام تەييارلىغاندا ، ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئاسان يېيەلەيدۇ :
يېمەكلىكلەرنى چاناپ يۇمشىتىپ ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا ئاز – ئازدىن كۆپ قېتىم بېرىش كېرەك . مۇبادا ئۇلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى كېسىلى بولسا ، ئۇ جايغا يود سۇيۇقلۇقى (مېتىل ۋىئولىت) سۈرۈش كېرەك . لېكىن ئۇنى ھەرگىز ئىچىۋالماسلىق كېرەك . ئۇنى پاكىز ، يۇمشاق رەخت ياكى پاختا بىلەن سۈركەش لازىم . ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ تىلى ، ئېغىز بوشلۇقى ، گېلىدىمۇ ئىشىش ، ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، بۇنى يۇمشاق چىش چوتكىسى بىلەن چوتكىلاپ ئاغرىقنى توختاتسىمۇ بولىدۇ . ۋىتامىن ساغلاملىقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئورۇقلۇق ماددا . ۋىتامىن E قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ . ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقىملانغانلارنىڭ تېنىدە ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋىتامىن E ئازىيىپ كېتىشى مۇمكىن . ئەگەر ئەيدىز ئاغرىقلىرى تەركىبىدە ۋىتامىن E بار يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئستېمال قىلسا ، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرىدىغان دورىلىق رولىنى ئويناپ ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ .
ئومۇمەن ، قورامىغا يەتكەنلەر كۈنىگە 14 مىللىگرام ۋىتامىن E ئستېمال قىلىشى لازىم . بۇ ، يېرىم سەر يەر ياڭىقى يېغى ، بىر ئارا چىنە پۇرچاق ئويۇتمىسى ، ئىككى سەر قۇرۇتۇلغان يەر ياڭىقى مېغىزى ئىستېمال قىلغانغا تەڭ كېلىدۇ .ۋىتامىن E كۆپرەك يېمەكلىكلەر يەر ياڭىقى يېغى ، قىچا يېغى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ياغلىرى ، ئورمان ياڭىقى ، يەر ياڭىقى قاتارلىق شۆپۈكلۈك يىمەكلىكلەر ، پۇرچاق ، تۇخۇم ، تېرىق ، يېشىل يۇپۇرماقلىق كۆكتاتلاردىن پالەك ، چىچەكسەي قاتارلىقلار بار .

yyyyyyyyy.jpg