ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى(گاندوم) نىڭ بارلىققا كېلىشى
ۋاقتى : 2017-07-14 17:40:10  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى(گاندوم) نىڭ بارلىققا كېلىشى
aaaa.jpg


ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى بولسا دورىسىز ھالدا ھامىلدار بولۇشتىن توسىدىغان ئۇسۇل،ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئادەم بەدىنىدىكى ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىنى چەكلەپ، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا سوزنەك،ئەيدىز قاتارلىق جىنسىي كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئۆتەيدۇ، شۇ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك قاپچۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھازىرقى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنىڭ ماتىريالى ئادەتتە تەبىئىي كاۋچۇك ياكى پىلوييانىستىر(يۇقۇرى ئىلاستىكىلىققا ئىگە يۇمشاق بولغان،مىكروب پەيدا قىلمايدىغان ماددا)ئىككى خىل بولىدۇ.
تارىخنىڭ يۇقۇرى قاتلاملىرىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىغا ئوخشاش ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىمۇ ئاز ئەمەس، رىۋايەتكە قارىغاندا ئەڭ دەسلەپكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى، ھايۋانات دوۋسىقى ياكى بېلىق پۈۋەكچىسىدىن ياسالغان ئىكەن. ئەڭ دەسلەپكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنىڭ رولى ئاساسلىقى سىفلىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنىڭ كەشىپ قىلغۇچىسى بولسا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بىر ئەنگىلىيىلىك دوختۇر ،ئىسمى جاسپوف كاندوم بۇلۇپ،كاندوم بولسا ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلى ئىككى زامانىسىدىكى ئوردا دوختۇرى ئىكەن. ئۇ كەشىپ قىلغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى، قوزىنىڭ قارىغۇ ئۇچىيىدىن ياسالغان بۇلۇپ،ئاۋال قوزىنىڭ ئۈچىيىنى بەلگىلىك ئۇزۇنلۇقتا كېسىۋىلىپ،ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ،ئاندىن ماي ۋە بۇغداي كېپىكى ئارقىلىق نېپىز رېزىنكە ھالىتىگە كەلگۈچە يۇمشىتىلىدىكەن، كاندومنىڭ بۇ كەشپىياتى ئۈچۈن ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلى ئىككى ئۇنىڭغا چەۋەندازلىق ئۇنۋانى بەرگەن.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، سۈتسىمان يىلىملىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى تەدرىجىي بۇرۇنقىسىنىڭ ئورنىنى ئېگەنلىگەن .تۇنجى سۈتسىمان يىلىملىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى گوللاندىيەلىك فىزىكا ئالىمى ئالەيتې ياكوپ 1883-يىلى كەشىپ قىلغان.
ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى 20-ئەسىردە ئىنسانىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن 100 كەشپىياتنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن. پۈتكۈل ئىنسانىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇ نوپۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاياللار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى باشقا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىگە ئوخشاش ،ئەلۋەتتە شەك –شۈبىھسىز ئۇ تەدبىرلەردىنمۇ ئۈستۈن ھالەتتەتۇرۇپ، ساناقسىز ئاۋارچىلىق ۋە ئازاپلاردىن قۇتۇلدۇردى،ھەتتاكى ساناقسىز ئاياللارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئىنسانىيەت تارىخىدا، نۇرغۇنلىغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى ۋە ئەسۋابلىرى كەشىپ قىلىندى ۋە ئومۇملاشتى، مەسىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كىيىن تېزلىكتە ئولتۇرۋىلىش،ئۇرۇق ئۆلتۈرۈش دورىسى، بالىياتقۇ ئۈزۈكى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش سۇيۇقلۇقى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بۇلۇتى،يۇيۇش دورىسى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش نوكچا دورىسى قاتارلىقلار، ھامىلدارلىقتىن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ساقلىنىش ئايال كىشىگە نىسپەتەن ئىنتايىن مۇھىم.بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانماسلىقتىن كېلىپ چىققان, قىسقىغىنا ھوزۇردىن كىيىنكى چەكسىز تەشۋىش ۋە ئازاپقا قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىش ھاياتىڭىزنى ئۆمۈرلۈك چىرمىۋالىدىغان كىشەندىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

yyyyyyyyy.jpg