ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا بىلىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ۋاقتى : 2017-06-10 19:16:59  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : يارپ

20170609172357743.jpg

نۇر تورى تەرجىمىسى:

زەھەرلىك چېكىملىكتىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرۇش.

1.1. زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق بۇيۇملار ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ مېڭىنىڭ بىر قىسىم مۇھىم فۇنكىسىيەلىرى، قۇرۇلمىسى قاتارلىقلاردا پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن تاشلاش قىيىن بولغاچقا زەھەر چەككۈچىنىڭ روھىيىتى، خىزمەت ئىقتىدارى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. زەھەر چېكىش يەنە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش.

1.2. زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىن، بولۇپمۇ يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىكنى چەككەندىن كېيىن ئادەمنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش سەۋەبلىك ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى يۇقتۇرۇۋالىدىغان خەتەرلىك ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ.

1.3. خىروئىن چەككەنلەر كېيىنچە زەھەرلىك چېكىملىكنى بەدەنگە ئىشپىرىس ئارقىلىق ئۇرىدىغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق كىشىلەر ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالىدۇ. 

1.4. نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 2 خىل زەھەر تاشلاش ئۇسۇلى:

(1) تەبىئىي تاشلاش. بۇ ئۇسۇلدا زەھەر چەككۈچىگە بېرىلىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك مەجبۇرىي توختىتىلىپ، يېمەك-ئىچمىكى نورمال بېرىلىپ ئادەتتىكىچە كۈتۈلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا دورا بېرىلمەيدۇ. بىراق، زەھەر چەككۈچى خېلى ئازابلىنىدۇ.

(2) دورا ئارقىلىق تاشلاش: بۇ ئۇسۇلدا زەھەر چەككۈچىلەرگە ئۈنۈمى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىغان، زەھەر خۇمارىنى پەسەيتىدىغان، زەھەر چەككۈچىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىدىغان زەھەر تاشلىتىش دورىلىرى بېرىلىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا زەھەر تاشلىتىش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. رايونىمىزدا كۆپ قوللىنىلىدىغان زەھەر تاشلىتىش دورىسى مېتادون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

(3) دورا ئىشلەتمەي زەھەر تاشلاش: بۇ ئۇسۇل يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش، فىزىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق زەھەر تاشلىغۇچىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا ياردەمچى ۋاستىلەر ۋە «روھىي جەھەتتىن مەدەت بېرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زەھەر تاشلىغۇچىدا كۆرۈلىدىغان ئازابلارنى ئازايتىش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇلنىڭ كەمچىلىكى: نەتىجىسى ئېنىق ئەمەس، ۋاقتى ئۇزۇن، ئۈزۈل-كېسىل ئەمەس.

ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، زەھەر تاشلاشنىڭ ھېچقانداق خىسلەتلىك دورىسى يوق. زەھەر چەككۈچىلەر ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دېيىلگەن دورىلارغا ئىشەنمەسلىكى ھەمدە قۇرۇق ئارزۇغا بېرىلمەسلىكى كېرەك. ئۇلار پەقەت ئىلمىي ئۇسۇلدا داۋالىنىپ، زەھەر تاشلاش قارارىغا كەلسىلا زەھەر خۇمارىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلالايدۇ.

 

2. بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.

2.1. نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق بولۇۋاتىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان بىمارلار نىسبىتى پۈتۈن ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرىنىڭ %85تىن يۇقىرىسىنى ئىگىلەيدۇ. 

جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار ھەمدە ئەيدىز بىمارلىرى ئارىسىدا نىكاھ ۋە سودا خاراكتېرىنى ئالمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تارىلىشى %60تىن ئاشىدۇ، ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى %7تىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى يەنە بىر قىسىم قانۇنسىز تىجارەت سورۇنلىرى ئارقىلىقمۇ يۇقىدۇ.

(1) ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتلەر:

نومۇسىنى سېتىش؛ جىنسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش؛ ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت.

ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش؛ مۇنتىزىم بولمىغان داۋالاش ۋە ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرىدا يىڭنە سانجىش تۈرىدىكى داۋالاشلارنى قوبۇل قىلىش.

2.2. ئەيدىز كېسىلىنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش:

(1) نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تۈگىتىش، جورىسىغا سادىق بولۇش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر.

(2) بىخەتەر جىنسىي مۇناسىۋەت. جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش جەريانىدا باشتىن ئاخىر گاندون ئىشلىتىش ياكى باشقا تەدبىرلەر ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

3. ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇش خەتىرى يۇقىرى بولغان جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن قانداق قىلىش كېرەك؟

نىكاھتىن سىرت جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، جورىسى كۆپ بولۇش، زەھەرلىك چېكىملىك چەككەندىن كېيىن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش قاتارلىق ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇش خەتىرى بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قوللىنىش كېرەك:

3.1. دەل ۋاقتىدا جايلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى ياكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، ئاياللار، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرى، قان پونكىتىدا تەسىس قىلىنغان ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرتۈش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ ھەقسىز مەسلىھەت سوراپ، تەكشۈرتۈش ياكى جايلاردىكى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، ئاياللار، بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىدىكى غەيرىي ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرتۈش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ تەكشۈرتۈش. مەيلى قەيەردىلا تەكشۈرتسۇن، داۋالاش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنى»، «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىزامى»دىكى قانۇن-نىزاملار بويىچە تەكشۈرتكۈچىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە سۈيدۈكىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تەكشۈرتكىلى بولىدىغان رايون، ئالىي مەكتەپ ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارقىلىقمۇ تەكشۈرتۈشكە بولىدۇ.

3.2. 24 سائەت ئىچىدە، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 72 سائەت ئىچىدە ئەيدىزنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئورگىنىدىكى دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالايدىغان دورا سېتىۋېلىپ 28 كۈن يېيىش. دورا يېيىش ۋاقتى قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى.

3.3. خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىنكى 3 ئاي ۋە 6 ئايدا بىر قېتىمدىن تەكشۈرتۈش، ناۋادا نەتىجىسى مەنپىي چىقسا ئۇ قېتىمقى خەتەرلىك جىنسىي  مۇناسىۋەت جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ئامان قالغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.

 

4. تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەيدىز كېسىلى ئانتېتلاسىنى تەكشۈرتۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا قورقۇپ، جىددىيلىشىپ كەتمەي ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش ۋە تۆۋەندىكىدەك تەدبىر قوللىنىش كېرەك:
 

4.1. تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى دەل ۋاقتىدا جورىسى ياكى جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنىمۇ دەرھال ئەيدىز كېسىلى ئانتېتلاسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلىش. 

4.2. شۇ جايدىكى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش ھەمدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش، شۇنداقلا شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرنى كېسەلنى يوقلىشى، باشقۇرۇش ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە ماسلىشىش. ۋىرۇسقا قارشى قانچە بالدۇر داۋالانسا شۇنچە ياخشى.

4.3. جورىسى ياكى جىنسىي ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە چوقۇم باشتىن-ئاخىر گاندون ئىشلىتىش، ئەڭ ياخشىسى بىر ئۆمۈر ئىشلىتىش كېرەك. مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىتىشنى ئاز دېگەندە 6 ئاي داۋاملاشتۇرۇش، داۋالاش نەتىجىسى باھالىشىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يوقلۇقى بايقالغۇچە داۋالىنىشنى توختاتماسلىق.

5. ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى قانداق داۋالىتىدۇ؟

5.1. داۋالاش ئورۇنلىرى:
 

(1) ھەرقايسى جايلادا تەسىس قىلىنغان ئەيدىز كېسلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بەلگىلەنگەن ئاپپاراتلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاتقىلى بولىدۇ.

(2) ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش «تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش» پىرىنسىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەسلى تۇرۇشلۇق ئورۇن تەۋەلىكىدە بولمىغان ئەيدىز يۇقۇمدارى ياكى ئەيدىز بىمارى ھەرقانداق بىر بېكىتىلگەن داۋالاش ئورۇنلىرىدا ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىتالايدۇ. بىراق، ئۆزى تەۋە بولمىغان رايونلاردىكى بېكىتىلگەن داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالانغاندا مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش ياردىمى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇقلىمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ياردەم سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.

(3) ئاپتونۇم رايونلۇق جۇڭيى دوختۇرخانىسى قاتارلىق ئەيدىز كېسىلىنى جۇڭيى تىبابىتى ۋە مىللىي تىبابەت بويىچە داۋالاش تۈرى يولغا قويۇلغان ئورۇنلاردا ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغاندا جۇڭيى تىبابىتى ۋە مىللىي تىبابەت دورىلىرىدىن قوشۇمچە پايدىلانغىلى بولىدۇ.

(4) ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش، داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ كېسەلنى يوقلىشى جەريانىدا باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

5.2. ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىتىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:

(1) نۆۋەتتە، ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالىغاندا گەرچە داۋالاپ ساقايقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى، شۇنداقلا يۇقۇملانغۇچى ياكى بىمارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

(2) ئەيدىز كېسلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى باشقۇرۇش دېگىنىمىزدە يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابىت قاتارلىق كېسىلى بار بىمارلارنىڭ چوقۇم دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر ئۆمۈر تەرتىپلىك دورا ئىچىشنى ئادەت قىلىشى كېرەك. بۇنداق بىمارلار قانچە بالدۇر دورا يېسە ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ناۋادا دورىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۈزۈپ قويسا ياكى تەرتىپلىك يېمىسە كېسەل قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ ھەمدە دورىغا كۆنۈۋېلىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

(3) 1981-يىلى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىدا بىر ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان، دۆلىتىمىزگە 1985-يىلى كىرگەن، 1995-يىلى ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالغان. ئەيدىز كېسىلى يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەجدادلاردىن مىراس قالغان قەدىمكى داۋالاش رېتسىپلىرىغا، مەخپىي رېتسىپلارغا،، ئەيدىز كېسىلى، ئۆپكە تۇبېركليۇز، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنى داۋالىيالايدىغان ھەرقانداق يېمەكلىك، ساغلاملىق بۇيۇمى دورا دېگەندەكلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختا. ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ۋە ھاياتىىي بىخەتەرلىكىڭىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ مال-دۇنيارىڭىز.

5.3. ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاتقاندا بەھرىمەن بولىدىغان ياردەم سىياسەتلىرى:

(1) ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىسى ھەقسىز.

(2) CD4 ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ھەقسىز.

(3) باشقا ھەقلەر، مەسىلەن بالنېستتا يېتىش ھەققى، داۋالاش ئورگانلىرنىڭ دائىملىق تەكشۈرۈشى، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش قاتارلىق ھەقلەرنى يېزىلاردىكى يېڭىچە يېزا ھەمكارلىىشىپ داۋالاش تۈرىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاتچوت قىلدۇرۇشقا بولىدۇ؛ شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىجتىمائىي كاپالەت بەلگىلىمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلار بويىچە داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلدۇرسا بولىدۇ.

(4) جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە داۋالاش پىرىنىسپىغا ئاساسەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا شۇ جاينىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ياردەم بېرىش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان سىياسەتلەر بويىچە ياردەم بېرىش كېرەك.

6. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى توي قىلسا بولامدۇ؟

بولىدۇ. بىراق، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

يۇقۇملانغۇچى ئاز دېگەندە 6 ئاي ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالانغاندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى تەكشۈرۈشتىن چىقمىغۇدەك بولغاندا ئاندىن توي قىلىشى كېرەك.

7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللىنىلغان تەدبىر مۇۋاپىق بولسىلا ئەيدىز ۋىرۇرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا ساغلام بوۋاق تۇغالايدۇ. بىراق، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ئىشنى قىلىش كېرەك:

(1) ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (12 ھەپتە ئىچىدە) شۇ جايدىكى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسىغا ياكى ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىقتىدارى بار داۋالاش ئورگانلىرىغا بېرىپ مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. بۇ تۈر بويىچە قانچە بۇرۇن داۋالانسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

(2) قەرەللىك ھالدا شۇ جايدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش ھەمدە داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دوختۇرنىڭ يوقلىشىنى قوبۇل قىلىش.

(3) دوختۇرخانىدا يەڭگىشنىڭ بىخەتەر يەڭگىشكە ياردىمى بولىدۇ.

(4) بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا يېگۈزۈش (تۇغۇلۇپ 6 سائەت ئىچىدە). 

(5) بوۋاققا سۈت پاراشوكى بېرىش، يۇقۇمدار ئانا ئېمىتىشتىن ساقلىنىش، ئانا سۈتى بىلەن سۈت پاراشوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك.

(6) قەرەللىك ھالدا شۇ جايدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇش ھەمدە دوختۇرنىڭ يوقلىشىنى قوبۇل قىلىش. بوۋاقلار 42 كۈنلۈك ۋە 3 ئايلىق بولغاندا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشقا قارىتا دەسلەپكى قەدەمدە دىياگنوز قويدۇرۇش، 12 ئايلىق ۋە 18 ئايلىق بولغاندا بوۋاقنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈش، بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بالدۇر بېكىتىش.