ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىز دىگەن نىمە؟
ۋاقتى : 2017-04-24 19:48:54  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز بولسا ئېنگلىزچە AIDS نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەيدىز ۋىرۇسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان مەزگىلدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

1.jpg


   A- Acquired يەنى "ئېرىشمە" دىگەنلىك بولۇپ، تۇغما ياكى ئېرسىيەتلىك بولمايدىغانلىقىنى، پەقەت تاشقى مۇھىتتىن يۇقتۇرۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   I- Immune يەنى" ئىممۇنىت" دىگەنلىك بولۇپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   D- Deficiancy يەنى"كەمچىللك" دىگەنلىك بولۇپ، ئادەم ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغانلىقىنى، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدا كەمچىللىك كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   S- ٍSyndrome يەنى "ئۇنۋېرسال ئالامەت" دىگەنلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەر خىل پۇرسەتلىك كېسەللىكلەر بۆسۈپ كىرىپ، نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   ھەممىسنى بىرلەشتۈرگەندە، "ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەملىك ئۇنۋېرسال ئالامىتى" بولىدۇ. بۇ بولسا ئەيدىزنىڭ كېڭەيتىلگەن تىببى ئاتالغۇسىدۇر.

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg