ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەيدىز  »  ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى
ئانا سۈتى ئەيدىز ۋىروسىنى ئۆلتۈرەلىشى مومكىن
ۋاقتى : 2017-04-18 00:34:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

  ana suti.jpg

 ئەنگلىيەدىكى «يېڭى ئالىملار ھەپتىلىك ژورنىلى» تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: سۈت بېزى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يېقىن كېلەلمەيدىغان ئەزامۇ؟ ھايۋان تېنىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئانا سۈتىدە مەۋجۇت بىر خىل ماددا يۇقۇملۇق ۋىرۇس ھۈجەيرىسىنى ئۆلتۈرىدىكەن، ھەتتا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدىكەن.

   ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان تۇغۇلغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىسىۇ، لېكىن تەخمىنەن %15 بوۋاق تۇۇغۇلۇپ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالىدىغانلىقى تەتقىقاتتىن ئايان بولغان. شۇڭا كىشىلەردە بوۋاققا ۋىرۇس ئانا سۈتى ئارقىلىق يۇقۇشى مۇمكىن، دېگەن گۇمان پەيدا بولغانىدى. لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ھايۋان تېنىدە سىناق ئېلىپ بېرىش داۋامىدا، تەجرىبە چاشقىنىغا تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بار ئانا سۈتى ئىچكۈزگەندىن كېيىن، كېسەللىك ۋىرۇسى تارقىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئانا سۈتىدە ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش كۈچى بارلىقى ئېيتىلغان بولسىۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنىدى. بۇ تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلغان دوكتۇر ۋېكتور مۇنداق دېدى:«بىز ئانا سۈتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى دەلىللىدۇق، ھازىر ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرەلەيدىغان سېھىرلىك تەركىبنى تەتقىق قىلىۋاتىمىز، ناۋادا بىز ئۇنى ئوڭۇشلۇق تاپالىساق، ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى توسالايدىغان دورا ياسىغىلى بولاتتى». ئەمىسە نېمىشقا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىنىڭ سۈتى بىلەن بېقىلغان بەزى بوۋاقلاردا بۇ خىل ۋىرۇس بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا ۋىكتور مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:«بوۋاق ئادەتتە ئانىنى ئەمگەندە، ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسى يېرىلىپ كېتىدىغان ئەھۋال پەيدا بولىدۇ، بالىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا ئاشۇ يېرىلغان يەردىن چىققان قان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن».

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg