ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
ئانامغا يىزىلغان خەت
ۋاقتى : 2017-06-28 23:45:10  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

    قەدىرلىك ئانا ، - جىنىم بالام ئۇنداق قىلمىغىن ، داداڭدەك ياخشى ئادەم بولغىن ، سېنىڭ تومۇرىڭدا ئېقىۋاتقىنى داداڭ بىلەن مېنىڭ پاك قېنىمىز ، تارىختىن بۇيان ئەۋلادىمىز ئىچىدىن سەندەك بۇنداق كەيپ – ساپا قىلىدىغان ئادەم چىققان ئەمەس، - دەپ نەچچە مىڭ قېتىملاپ كۆز يېشى قىلىپ باشلىرىمنى سىلاپ يېلىنىپ تۇرۇپ قىلغان نەسىھەتلىرىڭنى ئاڭلىماي، دادامدىن مىراس قالغان بارچە بىساتلارنى تۈگىتىپ ، سېنى كېسەلچان قىلىپ، قىسقىسى مەندىن ئايرىلساڭ تىكەندەك يالغۇز قالىدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپ، تۈرمىنى ماكان قىلىپ ياتقان مەندەك بىر ئەقىلسىز ئوغلۇڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ؟

   قەدىرلىك ئانا، مەن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن ئويلانسام، بىز بىرگە ياشاۋاتقان كۈنلەردە، سېنىڭدەك بىر ئۇلۇغ ئىنساننىڭ باغرىنى يېرىپ چۈشۈپ، بۇ دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىگە تەڭ قىلغىنى بولمايدىغان ئاق سۈتۈڭنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىنسان بالىسى بولساممۇ، ھەقىقىي ئىنسان بالىسى قىلىدىغان ئىشلاردىن بىرەرنىمۇ قىلىپ باقماپتىمەن. سېنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭگە جاۋاپ قايتۇرۇش تۈگۈل ئەكسىچە ساڭا بىر ئۆمۈر يەتكۈدەك ئازاپ ئاتا قىپتىمەن. ‹‹ ئاق ›› تاماكىنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن چاغلاردا چىكەي دېسەم پۇل يوق ئۆيگە كىرىپ، ئانا، پۇل بەر دېسەم بالام مەندە پۇل يوق، دەپ يىلىنساڭمۇ، مەن بىر ئاماللارنى قىلىپ خۇمارىڭنى ئاز– تولا بېسقىتۇردىغان ئىشنى قىلاي دەپ تالاي قېتىم توختىماي تىترەۋاتقان بەدەنلىرىمنى سىلاپ ياشلىرىمنى سۈرۈتكەن بولساڭمۇ ، - سەن يالغان سۆزلەۋاتىسەن دادامدىن قالغان پۇللار قېنى ؟ شۇ پۇللارنى بەر دەپ گېلىڭنى بوغۇپ يانچۇقلىرىڭنى، ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، قولۇمغا چىققان نەرسىلەرنى ئېلىپ، توسقىنىڭغا ئۇنىماي سېنى ئىتىرۋېتىپ چىقىپ كېتىپ ئۇ نەرسىلەرنى سېتىپ پۇلىغا ‹‹ ئاق ›› تاماكا ئېلىپ چىكىپ پەس خۇمارىمنى بىردەملىك بىسىقتۇرغىنىمنى، ھەتتا ھېلىقى كۈنى كېچىدە شۇنچە قارشىلىق قىلساڭمۇ ئۇنىماي، قۇلىقىڭدىكى ھالقىنى يۇلۇپ ئېلىپ، قۇلىقىڭدىن چىپىلداپ ئېقىۋاتقان قانغىمۇ قارىماي سىرتقا چىقىپ كەتكىنىمنى، شۇ سەۋەپتىن ئىككى قۇلىقىڭنىڭ دورا ئېلىشقا پۇل يوق يىرىڭداپ ئالتە ئايدا ئاران ساقايغانلىقىنى ئويلىسام، ھەي، قانۇن ماڭا ئەسلى ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولسا بوپتىكەن، مەن ۋاقتىم توشقاندا ئاشۇ ئانامنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارارمەن دېگەنلەرنى ئويلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىمەن .
   قەدىرلىك ئانا ، سەن ئۆتكەندە مېنى تۈرمىگە يوقلاپ كەپتىكەنسەن، ساقچىلاردىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ باغرىڭغا ئۆزەمنى ئېتىپ، تاپانلىرىڭنى سۆيۈپ ، جىنىم ئانا، مېنى كەچۈرگىن دەي دېگەنلەرنى ئويلىغان بولساممۇ، نېمىشقىكىن سېنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم يۈرىگىملا ئەمەس، پۈتۈن بەدەنلرىم ماڭا،- ھەي، ئازغۇن ئىنسان سەن ئەمدى ئاشۇ دەردىڭدە يۈرىگى زەرداپ بولۇپ كەتكەن ئاناڭغا قايسى يۈزۈڭ بىلەن قارايسەن دېگەندەك قىلىپ، ساقچىلارغا سەن بىلەن كۆرۈشمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ، ياتاققا كىرىپ بېشىمنى يوتقانغا پۈركەپ نەچچە سائەت يىغلىدىم. ئاڭلىسام سەن مېنى نېمىشقا كۆرۈشمەيدىكەن، مەن بالامنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ئىشلىرىنى يۈزىگە سالمايمەن، ئۇ بۇندىن كېيىن ياخشى ئادەم بولسىلا مەن رازى، ئۇنى ئېلىپ چىققان بولساڭلا يىراقتىن بولسىمۇ چىرايىنى بىر كۆرۈۋالاي، دەپ سىرتتا يېغىۋاتقان قارغا قارىماي قاراڭغۇ چۈشكىچە تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپسەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نەچچە كۈنگىچە سېنىڭ مىسكىن چىرايىڭ كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئېقىپلا تۇردى. ياق، ئۇ ياشلار كۆزۈمدىن ئەمەس يۈرىگىمدىن ئاقتى، ئاققاندىمۇ ھەقىقى پۇشايمان يېشى ئاقتى .
   قەدىرلىك ئانا، مەن ئەمدى بىلىۋاتىمەن، بۇ دۇنيادا تۇرقى ئىنسان بولسىمۇ قىلغان ئىشلىرىنى ھايۋانمۇ قىلمايدىغان بىر قىسىم ئىنسانلار بولىدىكەن. قىسقىسى مەنمۇ بۇرۇن شۇ ئىنسانلار قاتارىدا ياشاپ كەپتىكەنمەن. ئەمدىلىكتە ئۆزەمنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ھايات مۇساپەمنى ئىسىمگە ئالسام، ‹‹ ئاق›› تاماكىغا پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىمنى ئويلىسام، ئۆزەمگە يۈز كېلەلمەيمەن. ئۆزەمگىلا ئەمەس ساڭا، رەھمەتلىك ئاتامنىڭ روھىغا، مەن باغرىغا دەسسەپ چوڭ بولغان پاك تۇپراققا يۈز كېلەلمەيمەن .
   قەدىرلىك ئانا، مەن بۇ يەردە ھەر دائىم تەڭرىدىن تېنىڭنىڭ سالامەت بولىشىنى، مېنىڭ يېڭى ئادەم بولۇپ چىققىنىمنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشىڭنى تىلەۋاتىمەن. سەن ماڭا ئىشەن، مەن بۇ سەككىز يىل جەريانىدا ئۆشنەمگە ئارتىۋالغان جىنايەت كۇلاسىنى سېلىۋېتىپ يېنىڭغا يېڭىچە ئادەم بولۇپ بارىمەن، بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم .