ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
نېمە ئۈچۈن زەھەرنى «سىناپ بېقىش» قا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ؟
ۋاقتى : 2017-06-05 16:00:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

زەھەر تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە غايەت زور زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپلا قالسا تاشلىماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ.
زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى ئەپيۈن، خېروئىن، مورفىن، نەشە، كوكائىن، باش چايقاش كۇمىلىچى، مېتىلامفېتامىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كېلىش مەنبەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن، ئۇلار تەبىئىي زەھەرلىك بۇيۇملار، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇملار ۋە بىرىكمە زەھەرلىك بۇيۇملار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. خېروئىن، مورفىن، ئەپيۈنلەر ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈك ئەپيۈن گۈلىدىن چەككىلەپ پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. نەشە بىلەن كوكائىن كەندىر دەرىخى ۋە كوكائىن دەرخلىرىدىن چەككىلەپ ياسىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەپيۈن گۈلى، كەندىر، كوكائىن دەرىجى تەبىئىي زەھەرلىك بۇيۇملاردۇر، خېروئىن، مورفىن، كوكائىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇملاردۇر. بۇنىڭدىن سىرت، كاكتۇس گۈلى ياكى پايونا كاكتۇسى چەككىلەپ چىقارغان ماسكالىن (麦司卡灵) ھەمدە باشاق مۈڭگۈز باكتېرىيىسىدىن چەككىلەپ چىقارغان ئاتسىد LSD قاتارلىقلارمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا «مودا» بولۇۋاتقان پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زەھەرلىك بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. بىرىكمە زەھەرلىك بۇيۇملار مەلۇم خىمىيىلىك ماددىلاردىن پايدىلىنىپ بىرىكتۈرۈلگەن زەھەرلىك بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ، مەسىلەن، مېتىلامفېتامىن، ئامفېتامىن، pcp قاتارلىقلار.
رېئال تۇرمۇشتا، نۇرغۇن يەپ باقمىغان يېمەكلىكلەرنى تېتىپ «سىناپ باققاندا» ئاندىن ئۇنىڭ تەمىنى بىلگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز سەينى قورۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تۇز تەمىنى تېتىپ باقىسىز ئەمەسمۇ؟ بىر خىل يېڭى ئىچىملىك، يېڭى كەمپۈت چىقسا، ھەممە كىشى ئۇنىڭ ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن تېتىپ باققۇسى كېلىدۇ. ئەمما، زەھەرلىك بۇيۇمنى ھەرگىز سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ، ئۇ خۇددى بىر ئالۋاستىغا ئوخشايدۇ، سىناپلا قويسا، ئۇنىڭغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك خۇمار بولۇپ قېلىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر زەھەرلىك بۇيۇم بىلەن تەمىنلەش توختىتىپ قويۇلسا ياكى ئازايتىلسا، پۈتۈن بەدەن ئازابلىنىپ، ئەسنەش، چۈشكۈرۈش، تىترەش، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، قورسىقى مۇجۇپ ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، پۈتۈن بەدىنىنىڭ سۆڭەكلىرى ۋە مۇسكۇللىرى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پەقەت زەھەرلىك بۇيۇمنى چەككەندىلا ئاندىن يۇقىرىقى ئالامەتلەر تېزدىن يوقىلىدۇ، مانا بۇ بەدەندە زەھەرلىك بۇيۇمغا قارىتا پەيدا بولغان بېقىنىشتۇر. زەھەرلىك بۇيۇمنى چېكىپ باققان ئادەملەر زەھەرلىك بۇيۇمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا، پۇرسەت بولسىلا زەھەر چېكىدۇ، بۇ ئەھۋال روھىي جەھەتتىن بېقىنىش پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
زەھەر چېكىپ سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ، زەھەر چېكىشكە ھەرگىز ھەۋەس قىلماسلىق لازىم، بەزى ئادەملەر پەقەت بىر چېكىپلا خۇمار بولۇپ قالىدۇ ھەمدە خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن زەھەر چېكىشنى تاشلىۋېتىشكە ئامالسىز قالىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەتئەللەردىكى زەھەر تاشلاش ھەققىدىكى كىتابلارنى كۆرۈپ چىقساق، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زەھەر تاشلاش ھەقىقەتەنمۇ كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ.