ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
جانلىقلار‹‹كومپاس››ى
ۋاقتى : 2017-05-08 12:59:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

  پەسىل قۇشلىرى، دېڭىز تاشپاقىسى، سالمون بېلىقى ۋە شاھ كېپىنەك قاتارلىق جانلىقلار يىراق مۇساپىدە خۇددى كومپاسقا تايىنىپ ماڭغاندەك نىشاندىن ئادىشىپ قالمايدۇ.
    بۇ ھەقتە ئېلىمىز ئالىملىرى تۇنجى بولۇپ بىر ماگنىت ئىندۇكسىيە رېتسېپتورى(قوبۇل قىلغۇچى تەنچىسى)نى يەنى ماگنىت ئىندۇكسىيە مولېكۇلىسى MagR نى بايقىدى. 20 يىل بۇرۇن كىشىلەر ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يورۇقلۇق سەزگۈچى ئاقسىلى CRYنى بايقىغان بولۇپ ئۇنى يەنە ماگنىتنىمۇ سېزىدۇ، دەپ قارىغان. پوچتا كەپتىرى قاتارلىق قۇشلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىمۇ CRY ئاقسىلى بولۇپ، ئۇلار قۇشلارنىڭ ‹‹كومپاس››ى دەپ قارىلىدىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، CRY ئاقسىلى پەقەت يورۇقلۇقنىلا سېزىپ ماگنىتنى سەزمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ ماگنىتنى سېزىدىغان بولۇشى MagR بىلەن بىرىككەنلىكىدىن بولىدىكەن. ئالىملار مېۋە – چىۋىنىنىڭ 12 مىڭ دانىدىن ئارتۇق گېنىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماگنىت ئىندۇكسىيە مولېكۇلىسىMagR نى بايقىدى. پوچتا كەپتىرىنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە MagR بىلەن CRY ئوخشاش بىر ئورۇندا پەيدا بولغاچقا، ئۇلار نىشاندىن ئادىشىپ قالمايدىكەن.