ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
بىچارە تاماكا چەككۈچى بەڭگىلەرنىڭ كارنىيىنى قانداق تازىلىغىلى بولىدۇ؟
ۋاقتى : 2017-04-27 12:38:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

بىر تېببىي تەتقىقات ئورنى ئۆلگەن بىر بەڭگىنىڭ جەسىدىنى يېرىپ تەكشۈرۈپ، ئاناتومىيەلىك تەجرىبە ئېلىپ بارغان. تېببىي خادىملار جەسەتنى يارغاندىن كېيىن ئۆپكىسىنى ۋە كاناي شاخچە تومۇرلىرىنى بىر قەۋەت قاپقارا كوكىس مېيى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ئەسلىدە بۇ كىشى تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن ئۆپكىسىنى ۋە كاناي شاخچە تومۇرلىرىنى بىر قەۋەت كوكىس مېيى قاپلاپ كەتكەن. ئەسلىدە بۇ كىشى تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقتىن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن. تاماكىنىڭ تەركىبىدە «نىكوتىن» دىن ئىبارەت زەھەرلىك ماددىنىڭ بارلىقى بايقالغاندىن كېيىن تاماكىنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىيالمىدى. شۇ نەرسە كىشىلەرگە ئايان بولۇشى كېرەككى، تاماكا زەھەرلىك بولغانلىقتىن، تاماكا ئۆسۈملۈكىگە ھايۋان ياكى قۇش يېقىن كەلمەيدىكەن. قارىغاندا ھايۋانلار تاماكىنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىنسانلاردىن بەكرەك ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئىنسانلار تاماكىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۇنى چېكىپ ئىستېمال قىلىش، ئۇنىڭدىن ھالقىپ، نەشە، خىروئىن، مورفىن، كوكائىن قاتارلىق ھەرتۈرلۈك زەھەرلىك چېكىملىك بۇيۇملىرىنى چېكىشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
تاماكا ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ رەھىمسىز قاتىل ئىكەنلىكى ھەممە كىشى بىلىدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. مەيلى تاماكا بولسۇن، مەيلى زەھەرلىك چېكىملىك بولسۇن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. شۇڭا ھەر ساھە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ زەھەرلىك چېكىملىكتىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنى توسۇش، قېرىنداشلىرىمىزنى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنى زەھەردىن خالى ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش دەۋرنىڭ ۋە بۈيۈك ئەخلاقىمىزنىڭ تۈپ تەلىپىدۇر.