ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر ۋە جازا
زەھەر ۋە جازا
بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى
ۋاقتى : 2016-08-02 16:47:13  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

بىر زەھەر چەككۈچىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى

 

    تۈن نىسپىدىن ئاشتى، ئۇ كارىۋاتتا ياتاتتى، ئۇيقۇسى قېچىپ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلەتتى، ئېچى تىتىلدايتى. تالادا سىم–سىم يامغۇر ياغماقتا، چاقماق چىقىپ ئۇنىڭ نۇرى ئۆينى يورۇتىۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى، دېرىزىنى ئېچىشىغا سوغۇق شامال يۈزىگە ئۇرۇلدى، ئۇ ئەندىكىپ كېتىپ دېرىزىنى ئېتىۋېتىپ يانداش كارىۋاتتا ياتقان ئوغلىغا قارىدى، ئوغلى پۇشۇلداپ تاتلىق ئۇخلىماقتا، كارىۋات يېنىدىكى تومپۇشكا ئۈستىدىكى ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇردى. خىياللىرى ئۇنى ئاللىقاياقلارغا ئەكىتەتتى، ئاخىرى تاتمىدىن ئۆزى تەييارلاپ قويغان قەغەزنى ئېلىپ خېلى بۇرۇنلا ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىنى غەيرەتكە كېلىپ يېزىشقا باشلىدى.
-ئوغلۇم، بۇ خەتنى ساڭا يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم، چۈنكى سۆزلىگەنگە قارىغاندا خەت ئارقىلىق سۆزلەش ئاسانراق ھەم تەپسىلىي بولىدىكەن كەچۈر. مەنمۇ بىر چاغلاردا ساڭا ئوخشاش ياشلىق چاغلىرىم بولغان، ھاياتقا ئۈمىدۋار غايىلىرىم بولغان،خۇشاللىقىم ئېچىمگە سىغمايتى دوستلىرىم بىلەن ئېمىل بۇيغا چىقىپ بېلىق تۇتاتتۇق, سۇغا چۆمۈلەتتۇق كەپسىزلىك قىلىپ يىيلىۋاتقان تايچاق موزايلارنى تۇتۇۋېلىپ مىنەتتۇق. ھېلىمۇ يادىمدا 6 ياش ۋاقتىمدا مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن مەكتەپكە بېرىپ تىزىملاندىم، مەكتەپنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇشاللىقىمدا ھويلىغا كىرىپلا ئالدىراپ كېتىپ ئاپا، ئاپا مەن ئوقۇيدىغان بولدۇم دەپ ئۆزۈمنى باسالماي، مەرھۇم ئانام خۇش بولۇپ چوڭ بولۇپسەن ئوغلۇم ياخشى ئوقۇپ ياراملىق يىگىت بولغىن دەپ قۇچاقلاپ پېشانەمدىن سۆيۈپ قويغان شۇ ۋاقىت خۇددى تۈنۈگۈنكىدەك يادىمدا، مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلاندى، ئوقۇش توقتىلىپ ئىنقىلاب ھەرىكىتىگە قاتناشتۇق. كۈندە شوئار تولاش بىلىكىمىزگە خوڭشاۋبىڭ (كىچىك قوغدىغۇچىلار) بەلگىسىنى تاقاپ جىن- شەيتانلارنى يوقىتىش جېڭىگە ئاتلاندۇق، مانا مۇشۇنداق كۈرەشلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن چوڭ بولدۇق ئەپسۇسلىنارلىقى ساۋاتسىز قالدۇق، بىز بۇ ئەۋلاد شوئار توۋلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان قارا قورساققا ئايلاندۇق، ھازىر بۇ ئىشلارنى ئويلىسام ئىچىم ئېيتىشىدۇ، نېمە ئامال بىزنىڭ دۇنياغا كېلىشىمىز شۇ دەۋرگە توغرا كەلسە.
80-يىللارغا كەلگەندە ئازغىنە ئۆگەنگەن يېڭى يېزىق ئورنىنى كونا ئۇيغۇر يېزىقى ئىگەللىدى، كاللىمىز قالايمىقانلىشىپ كەتتى، ئىمتىھان تۈزۈمى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يۇقىرى ئوقۇيلى دېسەك قورساقتا ئۇماچ يوق، ئاخىرى جەمئىيەتكە قاراپ يۈزلەندۇق، 80-يىللاردا ناھىيەمىزدە قوي -كالا تېرىسى بازىرى قىزىپ كەتتى. ئىچكىرىدىن كەلگەن خوجايىنلار سومكىلىرىغا پۇلنى قاچىلاپ تېرە ئىلىشقا كېلىشكە باشلىدى، تېرە بازىرى بىر مەھەل قىزىپ كەتتى، بۇ جەڭگە مەنمۇ ئاتلاندىم، مەن دوستۇم قاسىم ۋىنجۇدىن كەلگەن جاڭ فامىلىلىك بىر خوجايىن بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭغا تېرە ئىلىپ بېرىشكە توختاملاشتۇق، ئۇ پۇلنى بىزگە بېرىپ مېھمانخانىدا ياتاتتى. بىز بازار باھاسىدا تېرە ئېلىپ ئۇنىڭغا يەنە پۇل قوشۇپ ئۆتكۈزەتتۇق ئۇ تېرە ئالغىنىغا خۇش بىز پايدا ئالغىنىمىزغا خۇش، شۇنداق ئوقەت قىلىپ يۈرۈپ بىر نەچچە يۈز مىڭ يۈەننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم.
ئەرلەردە پۇل بولسا قۇتراپ قالىدىكەن، دوستلار كۆپەيدى، رېستوراندا ئولتۇرۇش كۆپەيدى، بەزىدە مەست ھالەتتە ئۆيگە قايتاتتىم، ئاناڭ يىغلاپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلسىمۇ قۇلاققا كىرمەيتى، ئۇ چاغدا سەن ۋە سىڭلىڭ بار ئىدى، مەن ئاناڭغا ۋارقىراپ، سىلەرنى ئاچ-يالىڭاچ قويدۇممۇ دەيتتىم، بەزىدە ئاناڭنى يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ ئۇراتتىم، ئاناڭ بۇ ئەلەمگىمۇ چىدايتى، مۇشۇنداق يۈرۈشلەر ئاخىردا تەرەققىي قىلىپ نەشە چېكىشكە، ئاندىن ئاق چېكىشكە ئاپاردى ئاق تاماكىنىڭ خۇمارى بەك يامان بولىدىكەن، چەككەنسېرى خۇمار بولۇپ، بۇ نىجىسنىڭ پاتقىقىغا پاتىدىكەن، ھازىر بۇلارنى ئويلىسام يۈرىكىم ئېچىشىدۇ، ۋىجدان ئازابى بەكمۇ قىينايدۇ. نېمە ئامال ئاخىرى مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈردى، ئاققا خۇمار بولدۇم، خۇمار مىنىڭ ئەسلىي-ۋەسلىمدىن ئايرىدى، قاقسەنەم بولدۇم، جىگەر قېتىپ ئىچكى ئورگانىزىمىم كېرەكتىن چىقتى سىلەرنى ئوقۇتالمايدىغان ئەھۋالغا چۈشتۇق، بالىلىرىم خىجالەتمەن، ئوغلۇم بۇ يارىماس ئاتاڭنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ساۋاق ئال، ئەمدى چۈشەندىم بۇ دۇنيا ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن، ھاياتلىقىنىڭ ئۆزى بەخت ئىكەن، تەبىئەت بەكمۇ گۈزەل، ئەپسۇس، چۈشەنمەپتىمەن، سالامەتلىك ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىمنىڭ قەدىرىگە يەتمەي ئەكسىچە ئىش كۆرۈپتىمەن، ئويلىسام ئېچىم كۆيۈپ ئۆز-ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىمەن، ئىنسان ھاياتىنى كېچىكىپ چۈشۈنىدىكەن، ئوغلۇم –مەن ھاياتىمدىكى ئاچچىق ساۋاقلىرىمنى يەكۈنلەپ، يارىماس، لاياقەتسىز بولساممۇ بىر نەچچە ئېغىز ۋەسىيىتىمنى قالدۇراي:
1.ھاياتنى قەدىرلە ھايات بەخىتدۇر، تەقدىر بەخت. ئىنساننىڭ ئۆز قولىدا تەقدىرىڭدىن ئادەملەردىن زارلانما ئەكسىچە ئۆزۈڭنى كۈچلەندۈر، ئىنسان تەربىيەگە موھتاج، ئوقۇش تەربىيەلىنىش ئىنسان بولۇشىنىڭ يولى ئوقۇغىن بىلىملىك بول.

2.سالامەتلىكىڭنى، ياشلىقىڭنى قەدىرلە. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل، ئىلىمى ياشاشنى ئۆگەن، بىز ئۇيغۇرلار قائىدە-يوسۇنلۇق شەرمى-ھايالىق مىللەت، ياخشى قائىدە-يوسۇن ئادەم بولۇشىنىڭ يولىنى ئۆگۈتىدۇ، سۆيۈش ئائىلىدىن ئۆز مىللىتىدىن باشلىنىدۇ، بىز ئۇيغۇرلار قەدىمى مىللەت، ئەقىللىك، ئىشچان بىلىم سۆيەر مىللەت، ئەجدادىڭغا سادىق بول ياخشى تەرەپنى ئۆگەن، يامان ئىللەتلەردىن يىراق تۇر.
-ئوغلۇم يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، ئەپسۇس ئاغرىق قىيناپ يېزىشقا مادارىم قالمىدى، كەچۈر، مەن سىلەرگە ياخشى نام-ئاتاق قالدۇرماي ئەكسىچە يامان ئاتاق قالدۇردىم، مەندىن نەپرەتلىنىشىڭلار ھەقلىق، مەن ئاتىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم، پۇشايمان ئالدىغان قاچا بولسىدى، مەن قايتىدىن ئادەم بولاتتىم، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى، يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايىمەن، ئاناڭلار ياش تۇرۇپ تۇل قالدى، ئائىلە يۈكى ئۇنىڭغا قالدى، ئاناڭلاردىن ئالدىدا خىجالەتمەن.
بۇ خەتلەرنى يېزىۋېتىپ ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ھاياتلىقتا ئۆتكۈزگەن خاتالىق ئادەملەرنى شۇنچىلىك قىينايدىكەنكى سەكراتتا تۇرسىمۇ ئارام بەرمەيدىكەن ئۇ قاتتىق ئاغرىق ئازابىدا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كارىۋاتقا چىقىپ ياتتى، ۋىجدان ئازابى بولسىمۇ قەغەز يۈزىدە بولسىمۇ ئېچىنى بوشىتىۋالغىنىغا يۈرەك سۆزىنى ئېيتىۋالغىنغا ئېچى بوشاپ يېنىكلىك ھېس قىلغاندەك بولدى، ئەمدى ھېچنىمىنى ئويلىمايدۇ، تالادا چاقماق چىقىپ ھاۋا گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغماقتا، لېكىن ئۇ ھېچنىمىنى ئاڭلىمايدۇ...
ئاخىرقى سۆز
ئوقۇرمەن دوستلار، نۆۋەتتە زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئېچىملىككە زىيادە بېرىلىش، ئەيدىز دېگەندەك نىجىس كېسەللەر مىللىتىمىزنىڭ شۇنداقلا ئىنسانلار تېنىگە يۇققان يامان ئۆسمە بولۇپ، بۇنىڭ دەردىدە خىلى كۆپ ياخشىلار نابۇت بولماقتا. ئائىلىلەر ۋەيران بولماقتا، بۇنىڭ دەردىنى شۇ يولۇققان ئائىلىلەر چۈشىنىدۇ، مىنىڭ قېرىنداشلىرىمنىڭ ئىچىدىمۇ بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ۋاقىتسىز ياخشىلىق ھاياتىدىن ئايىرىلغانلارمۇ بار، ئۇلار ئەڭ ئاخىرىدا پۇشايمان قىلىدۇ لېكىن كېچىككەن بولىدۇ، ئۇلارغا قاراپ ئېچىم بەك سىرىلىدۇ، قۇتقۇزۇۋالغۇم كېلىدۇ، نېمە ئامال. ئۇلار شۇ پۇشايمان ئىچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. لېكىن ئۇلار ئۆزى بىلەن ئەمەس ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ كەتتى، ئاتا-ئانىسى، ئايالى زار-زار يىغلاپ قالدى، ئۇلارنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆزۈمنى تۇتالماي ياش تۆكۈمەن، ھايات ئىنسان ئۇچۇن بىرلا قېتىم كېلىدۇ ئەمەسما بۇ دۇنيا نەچچە يۈز مىڭ يىل ئوخشاشلا تۇرىدۇ. بىز ئىنسانلارچۇ قانچىلىك ياشايمىز ئۇزاپ كەتسە 80، 90 يىل ئاندىن يەر ئاستىغا كىرىپ چىرىپ سېسىپ تۇپراققا ئايلىنىمىز، شۇڭا بۇ ھاياتىنى قەدىرلەش، ياخشى ياشاپ، ئۆتسەك بولمامدۇ. مىنىڭ ياشلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم، ھاياتىنى قەدىرلەڭلار، بۇ دۇنيا ھېكمەتكە تولغان سىرلىق دۇنيا. ئۆگىنىش، پايدىلىنىش، بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز، ئىنسانلىق مەجبۇرىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغان چېغىمىزدا پۇشايمان ئەمەس بەلكى ئۆز-ئۆزىمىزدىن رازى بولغىدەك بولسۇن، ھايات قەدىرلىك، ھايات بىز تەلپۈنىدىغان بەخت.