ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىدىكى ھەرپ ۋە سانلار نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
ۋاقتى : 2017-09-13 12:52:22  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

بىر قىسىم كىشىلەر ئادەتتە مەيلى قايسى خىل تىپتىكى ئاپتوموبىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا بىر قاراپلا مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ تەۋەلىك ئورنىنى بىلەلەيدۇ. قاتناش ساقچىلىرىمۇ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىغا ئاساسەن شوپۇرلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ مۇناسىپ تەدبىر – چارە قوللىنىپ تۇرالايدۇ. ئۇنداقتا ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىدىكى ھەرپ ۋە سانلار نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟
ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ بىرىنچى ھەرىپى ئادەتتە خەنزۇچە خەت بولۇپ، مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئۆلكىنىڭ قىسقارتىلما نامىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن: شىنجاڭنىڭ 新، بېيجىڭنىڭ京، سىچۇەننىڭ 川، شاڭخەينىڭ 沪... قاتارلىقلار؛ ئىككىنچى ھەرىپى ئىنگلىزچە ھەرپ بولۇپ، مەزكۇر ئاپتوموبىل تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى شەھەرنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك كود نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قانۇنىيىتى ئادەتتە مۇنداق بولىدۇ، يەنى A بولسا ئۆلكە مەركىزىدىكى شەھەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم ئاپتوموبىلنىڭ تاختا نومۇرى A新 06785 نى مىسالغا ئالساق، بۇنىڭدىكىA ھەرىپى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى شەھىرى ئۈرۈمچىنى كۆرسىتىدۇ. B مەزكۇر ئۆلكىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، C مەزكۇر ئۆلكىدىكى ئۈچىنچى چوڭ شەھەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، قالغان شەھەرلەرنىڭ رەت نومۇرى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. ئاخىرقى بەش خانىسىنىڭ قانۇنىيىتى مۇنداق بولىدۇ. يەنى ئەگەر سىز مەزكۇر رايوندىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ئاپتوموبىل نومۇرىغا ئېرىشسىڭىز، نەزەرىيە جەھەتتىن سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئاخىرقى بەش خانىسى ئادەتتە 00001 بولىدۇ. ئەگەر سىز 8965 خانىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، سىزنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ ئاخىرقى بەش خانىسى نەزەرىيە جەھەتتىن 08965 بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىل نومۇرى تاختىسىدىكى سانلار ئېشىپ بېرىپ تۇنجى قېتىم 10000 خانىلىق بولغان ۋاقىتتا، بىرىنچى خانىسى A ھەرپتىن باشلىنىپ، كەينى 0001 دىن 9999 غىچە داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. بۇ سانلار ئىشلىتىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، بىرىنچى خانىسىB غا ئۆزگەرتىلىپ يەنە كەينىدىكى سانلار 0001 دىن 9999 غىچە داۋاملىشىدۇ، قالغانلىرىمۇ مۇشۇ تەرتىپ بويىچە كەلتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. مۇشۇ قانۇنىيەتكە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىلنىڭ نومۇرى قانچە چوڭ بولسا ھەم ئالدىدىكى ئىنگلىزچە ھەرپ كەينىگە قانچىكى سۈرۈلۈپ ماڭسا مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ شۇنچە يېڭى ئاپتوموبىل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئادەتتە سېرىق رەڭلىك نومۇر تاختىسى ئادەتتىكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا، كۆك رەڭلىك نومۇر تاختىسى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا، قارا رەڭلىك نومۇر تاختىسى چەت ئەل مەبلەغ سالغان كارخانىلار ياكى ئەلچىخانىلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەربىي ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسى ھەربىي قىسىمنىڭ تەشكىللىنىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلىدىغان بولۇپ، يەرلىك ئاپتوموبىللار بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما ھەممىسىنىڭ نومۇر تاختىسى ئاق رەڭدە، خەتلىرى قىزىل رەڭدە بولىدۇ. ساقچى ئاپتوموبىللىرى بىلەن يەرلىك ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇر تاختىسىنىڭ تۈزىلىش ئەھۋالى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرىدىكى رەقەملىرى سان بولماستىن بەلكى قىزىل رەڭلىك ‹‹警›› دېگەن خەت بولىدۇ.
مەسىلەن،警1067新 بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.