ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
ۋىرۇس زەرەتلىگۈچ
ۋاقتى : 2017-09-12 12:32:55  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا ۋىرۇستىن توك چىقىرىدىغان ھەم كەلگۈسىدە يان تېلېفوننى زەرەتلەشكە بولىدىغان يېڭى تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ تېخنىكىغا ئىشلىتىلگەن ۋىرۇسنىڭ ئىسمى 13M باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) بولۇپ، پيېزوئېلېكتىرىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، بېسىلغان چاغدا مېخانىك ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. تەتقىقاتچىلار 13M باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە)نى نېپىز پەردىنىڭ ئۈستىگە تەكشى يېيىتىدۇ، ئاندىن مۇشۇنداق نېپىز پەردىدىن بىرنەچچىنى قاتلاپ ئۇلاردىن ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىنى چىقىرىپ قويىدۇ، بۇ نېپىز پەردىلەرنى باسقاندا، ئاجىز توك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، 13M باكتېرىئوفاگ (باكتېرىيە يۇتقۇچى تەنچە) بىر خىل يوشۇرۇن ھالەتتىكى مۇكەممەل ئېلېكتىر مەنبەسى بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ۋىرۇس باكتېرىيەلەرنى يەيدۇ، ئادەم تېنىگە زىيانسىز بولىدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئېنېرگىيە مەنبەسى ناھايىتى ئەرزان بولۇپ، ئېرىشىشمۇ ئاسان بولىدۇ.