ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  مۇھىت ۋە زەھەر
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مۇھىت ۋە زەھەر
پاركىنسون كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك
ۋاقتى : 2017-09-11 16:03:20  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

مۇتەخەسسىسلەر پاركىنسون كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا دىياگنوز قويۇشنىڭ ئەڭ قىيىن مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەتتە خىل ئالامىتىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى.
بىڭتۈەن دوختۇرخانىسى نېرۋا كېسەل ئىچكى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋيىڭ پاركىنسون كېسلىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى: پۇراش سېزىمى ئاجىزلىشىپ، بانان، چىلىغان كۆكتات، ھەتتا خۇش پۇراقلىق تېتىتقۇلارنىڭ پۇرىقىنى پەرق ئېتەلمىگەندە، قەۋزىيەت بولۇپ نورمال چوڭ تەرەت قىلالمىغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرسىتىش كېرەك؛ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە قول ۋە بەدەننىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى تىترەيدىغان، بولۇپمۇ ھەرىكەت قىلغاندا تىترىمەي، جىم تۇرغاندا تىترەيدىغان، جىددىيلىشىپ كەتكەندە تېخىمۇ تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ھەرىكەت قىلىش ۋە مېڭىش قىيىنلىشىپ، قول – پۇتلار ئۇيۇشۇپ قالىدۇ؛ ھەرىكىتى ئاستىلاپ، چاپاننىڭ تۈگمىسىنى ئەتكەندە، پايپاق كىيگەندە، ئاياغنىڭ بوغقۇچىنى چەگكەندە قىينىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، خەتنىمۇ ئۇششاق يازىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    ئۇنىڭدىن باشقا، غۇلىچىنى چوڭ ئاچالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، چىرايى تاتىرىپ، كۆزنى چىمىلدىتىش قېتىم سانى ئازلاپ كېتىدۇ، دائىم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قاراپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ غەمكىنلىشىدۇ؛ ئۇيقۇسى ناچارلىشىدۇ، كۈندۈزى ئۇيقۇسى قانمايدىغان، كېچىسى ئۇخلاۋېتىپ ئويغىنىپ كېتىدىغان، جىم ياتمايدىغان، جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
جاڭ شياۋيىڭ يەنە: يۇقىرىقى ئالامەتلەر ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر نەچچە خىل ئالامەت كۆرۈلسە، پاركىنسون كېسىلىنى داۋالاش مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، دېدى.